Skip to content
Opens in a new window

[1] مىدىيالىق دارىئوس ھۆكۈمرانلىقىنىڭ بىرىنچى يىلى مەن باش پەرىشتە مىكائىلغا ياردەم بېرىپ، ئۇنى قوغداپ تۇرغانىدىم.

[2] پەرىشتە يەنە مۇنداق دېدى: _ ئەمدى مەن ساڭا ھەقىقىي بولىدىغان ئىشلارنى ئېيتىپ بېرەي. پېرسىيە پادىشاھلىقىغا يەنە ئۈچ پادىشاھ ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. كېيىن تۆتىنچى پادىشاھ مەيدانغا كېلىدۇ. ئۇ باشقا پادىشاھلارغا قارىغاندا ناھايىتى دۆلەتمەن بولىدۇ. ئۇ كۈچىيىپ، قۇدرەت تاپقاندا، ھەممىسىنى يۇنان پادىشاھلىقىغا قارشى جەڭگە ئاتلاندۇرىدۇ.

[3] ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە بىر كۈچلۈك پادىشاھ مەيدانغا چىقىدۇ. ئۇ چوڭ ھوقۇقنى ئىگىلەپ، ئۆزى خالىغىنىنى قىلىدۇ.

[4] ئۇ ئەڭ قۇدرەت تاپقاندا، پادىشاھلىقى تۆتكە بۆلۈنۈپ كېتىدۇ. تەختىگە ئەۋلادلىرى ۋارىسلىق قىلالمايدۇ. ئۇنىڭ تەختى يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلىنىپ، باشقىلارغا بېرىلىدۇ. لېكىن پادىشاھلىق ئۇ ھۆكۈم سۈرگەن ۋاقىتتىكىدەك كۈچلۈك بولمايدۇ.

[5] كېيىن جەنۇب پادىشاھى قۇدرەت تاپىدۇ، لېكىن سەركەردىلىرىنىڭ ئىچىدىن ئۇنىڭدىنمۇ كۈچلۈك بىرى مەيدانغا كېلىپ، تېخىمۇ زور پادىشاھلىققا ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ.

[6] بىرنەچچە يىلدىن كېيىن، جەنۇب پادىشاھى شىمال پادىشاھى بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، قىزىنى ئۇنىڭغا ياتلىق قىلىدۇ. لېكىن قىزى ئۆزىنىڭ تەسىرىنى ئۇزاققىچە ساقلاپ قالالمىغاچقا، بۇ ئىتتىپاق ئۇزۇن داۋاملىشالمايدۇ. قىزى، قىزىنىڭ ئېرى، بالىسى ۋە قىزى بىلەن بىللە بارغان خىزمەتكارلىرى بىراقلا ئۆلتۈرۈلىدۇ.

[7] كېيىن، قىزىنىڭ قېرىنداشلىرىدىن بىرى جەنۇب پادىشاھلىقىغا پادىشاھ بولىدۇ. ئۇ شىمال پادىشاھلىقىنىڭ قوشۇنلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، قەلئەسىگە بېسىپ كىرىدۇ ۋە ئۇلارنى مەغلۇپ قىلىدۇ.

[8] ئۇ شىمال پادىشاھلىقتىكى ئىلاھلىرىنىڭ بۇتلىرىنى ۋە بۇتلارغا ئاتالغان ئالتۇن-كۈمۈشتىن ياسالغان قىممەتلىك نەرسىلەرنى ئولجا ئېلىپ، جەنۇب پادىشاھلىقى بولغان مىسىرغا ئېلىپ كېتىدۇ. ئۇ كېيىنكى بىرنەچچە يىل ئىچىدە شىمال پادىشاھلىقىغا ھۇجۇم قىلمايدۇ.

[9] كېيىن شىمال پادىشاھى جەنۇب پادىشاھىنىڭ زېمىنىغا باستۇرۇپ كېلىدۇ، لېكىن چېكىنىشكە مەجبۇر بولىدۇ.

[10] شىمال پادىشاھىنىڭ شاھزادىلىرى جەڭگە ھازىرلىنىپ، زور قوشۇن تەشكىللەيدۇ. شاھزادىلەردىن بىرى دۈشمەن قەلئەسىگە كەلكۈندەك بېسىپ كېلىدۇ.

[11] جەنۇب پادىشاھى قاتتىق غەزەپلىنىدۇ. ئۇ شىمال پادىشاھىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنىڭ زور قوشۇنىنى ئەسىرگە ئالىدۇ.

[12] جەنۇب پادىشاھى دۈشمەن قوشۇنىنى ئەسىرگە ئالغانلىقىدىن مەغرۇرلىنىپ، تۈمەنلىگەن ئادەملەرنى قىرىپ تاشلايدۇ. بىراق ئۇنىڭ غەلىبىسى ئۇزۇنغا بارمايدۇ.

[13] بىرنەچچە يىلدىن كېيىن شىمال پادىشاھى بۇرۇنقىدىن كۈچلۈك قوشۇن تەشكىللەپ، خىل قوراللانغان قۇدرەتلىك قوشۇننى جەنۇبقا باشلاپ كېلىدۇ.

[14] ئۇ چاغدا نۇرغۇن كىشىلەر جەنۇب پادىشاھىغا قارشى باش كۆتۈرىدۇ. ئەي دانىيال، سېنىڭ خەلقىڭنىڭ ئىچىدىكى بەزى زوراۋانلارمۇ ئاسىيلىق قىلىپ، غايىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولىدۇ، لېكىن ئۇلار مەغلۇپ بولىدۇ.

[15] شىمال پادىشاھى جەنۇب پادىشاھلىقىغا تەۋە مۇستەھكەم بىر شەھەرنى مۇھاسىرىگە ئېلىپ، ئۇنى بېسىۋالىدۇ. جەنۇب قوشۇنى قارشىلىق قىلالمايدۇ. ھەتتا ئۇلارنىڭ ئەڭ خىل لەشكەرلىرىمۇ قارشىلىق قىلىشقا ئاجىزلىق قىلىدۇ.

[16] شىمال پادىشاھى خالىغان ئىشىنى قىلىدۇ، ھېچكىم ئۇنىڭغا قارشىلىق قىلالمايدۇ. ئۇ گۈزەل ئىسرائىلىيە زېمىنىنى ئىگىلەپ، ئۇنى ۋەيران قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولىدۇ.

[17] شىمال پادىشاھى پۈتۈن قوشۇنى بىلەن سەپەرگە ئاتلىنىشقا نىيەت قىلىدۇ. ئۇ جەنۇب پادىشاھى بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، قىزىنى ئۇنىڭغا ياتلىق قىلىدۇ، چۈنكى ئۇ جەنۇب پادىشاھلىقىنى يوقىتىش نىيىتىگە كەلگەنىدى. لېكىن ئۇنىڭ بۇ پىلانى ئەمەلگە ئاشمايدۇ.

[18] كېيىن شىمال پادىشاھى دېڭىز بويىدىكى خەلقلەرگە ھۇجۇم قىلىپ، نۇرغۇن خەلقلەرنى بويسۇندۇرىدۇ. لېكىن ياقا يۇرتلۇق بىر سەركەردە ئۇنىڭ ئەدىپىنى بېرىپ، قىلغان قىلمىشىغا يارىشا جازاسىنى بېرىدۇ.

[19] شۇنىڭ بىلەن شىمال پادىشاھى ئۆز دۆلىتىدىكى قەلئەلىرىگە چېكىنىدۇ، مۇشۇ مەغلۇبىيەتتىن كېيىن ئىز-دېرەكسىز، غايىب بولىدۇ.

[20] ئۇنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلغۇچى خەزىنىسىنى بېيىتىش ئۈچۈن ئەمەلدارىنى ئەۋەتىپ، خەلقتىن ھەر تۈرلۈك ئالۋان-سېلىقلارنى يىغىدۇ. لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەي پادىشاھ ئۆلتۈرۈلىدۇ. ئۇنىڭ ئۆلۈمى جەڭدە ئەمەس، بەلكى سۇيىقەست بىلەن بولىدۇ.

[21] شۇنىڭدىن كېيىن بىر يارىماس ئادەم پادىشاھ بولىدۇ. ئۇنىڭ تەخت ۋارىسى بولۇش ھوقۇقى بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇ باشقىلارنىڭ تەييارلىقسىز تۇرغان پەيتىدىن پايدىلىنىپ، ھىيلىگەرلىك قىلىپ، پادىشاھلىقنى تارتىۋالىدۇ.

[22] ئۇ ئۆزىگە قارشى چىققان قوشۇنلارنى، جۈملىدىن ئەھدە شاھزادىسىنىمۇ يوقىتىدۇ.

[23] كېلىشىم تۈزۈش ئارقىلىق باشقا خەلقلەرنى ئالدايدۇ. گەرچە ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەر ئاز بولسىمۇ، ئەمما ئۇ بارغانسېرى قۇدرەت تاپىدۇ.

[24] باشقىلار تەييارلىقسىز تۇرغاندا، بايلىقى مول ئۆلكىلەرگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىدۇ. ئۇ ئەجدادلىرىدىن ھېچكىممۇ قىلىپ باقمىغان ئىشلارنى قىلىپ، ئولجا ئالغان مال-مۈلۈكلىرىنى ئەگەشكۈچىلىرىگە ئۈلەشتۈرۈپ بېرىدۇ. ئۇ قەلئەلەرگە ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ كۈنلىرى ئۇزۇنغا بارمايدۇ.

[25] ئۇ زور قوشۇن توپلاپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن جەنۇب پادىشاھىغا ھۇجۇم قىلىدۇ. جەنۇب پادىشاھىمۇ قۇدرەتلىك قوشۇنى بىلەن جەڭگە ئاتلىنىدۇ. لېكىن جەنۇب پادىشاھى سۇيىقەستكە ئۇچراپ، جەڭدە غەلىبە قىلالمايدۇ.

[26] ئۇنىڭ ھەمداستىخانلىرى ئۇنى ۋەيران قىلىدۇ. لەشكەرلىرى جەڭدە تارمار بولۇپ، كۆپىنچىسى ھالاك بولىدۇ.

[27] كېيىن بۇ ئىككى پادىشاھ بىر داستىخاندا تاماققا داخىل بولىدۇ. لېكىن ھەر ئىككىلىسى بىر-بىرىنى ئالدايدىغان يامان نىيەتلەردە بولىدۇ. ئەمما ئاقىۋىتى خۇدا بەلگىلىگەن ۋاقىتتا يۈز بېرىدىغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ پىلانلىرى ئەمەلگە ئاشمايدۇ.

[28] شىمال پادىشاھى نۇرغۇن غەنىيمەتلەرنى ئېلىپ يۇرتىغا قايتىدۇ، لېكىن ئۇ خۇدانىڭ مۇقەددەس ئەھدىسىگە قارشى تۇرۇش نىيىتىگە كېلىدۇ. ئۇ يولدا خالىغىنىنى قىلىپ، ئاندىن ئۆز يۇرتىغا قايتىدۇ.

[29] ۋاقتى كەلگەندە، شىمال پادىشاھى جەنۇبقا يەنە بېسىپ كېلىدۇ. لېكىن بۇ قېتىمقى ئەھۋال ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدۇ.

[30] كىتتىملىقلارنىڭ كېمىلىرى ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنى قورقۇتۇۋېتىدۇ، ئۇ چېكىنىشكە مەجبۇر بولىدۇ. شىمال پادىشاھى مۇقەددەس ئەھدىنىڭ كىشىلىرىگە غەزەپ قىلىش ئارقىلىق ئاچچىقىنى چىقىرىدۇ ۋە مۇقەددەس ئەھدىنى تەرك ئەتكۈچىلەرنى مۇكاپاتلايدۇ.

[31] شىمال پادىشاھىنىڭ قوشۇنلىرى مۇقەددەس ئىبادەتخانىغا باستۇرۇپ كىرىپ، ئۇ يەرنى بۇلغايدۇ. كۈندىلىك قۇربانلىقلارنى توختىتىپ، ۋەيرانچىلىق ئېلىپ كېلىدىغان يىرگىنچلىك بىر نەرسىنى مۇقەددەس ئىبادەتخانىغا ئورنىتىدۇ.

[32] شىمال پادىشاھى مۇقەددەس ئەھدىگە بويسۇنمىغانلارنى شېرىن-شېكەر سۆزلەر بىلەن ئالداپ، يېنىغا تارتىدۇ. لېكىن خۇدانى تونۇيدىغانلار قوزغىلىپ، قارشىلىق كۆرسىتىدۇ.

[33] خەلق ئىچىدىكى دانا يولباشچىلار خەلققە تەلىم بېرىدۇ. لېكىن، دانا يولباشچىلارنىڭ بەزىلىرى مەلۇم مەزگىل ئىچىدە جەڭدە ھالاك بولىدۇ، بەزىلىرى ئوتتا كۆيۈپ ئۆلىدۇ، بەزىلىرى بولسا ئەسىرگە چۈشىدۇ ياكى بۇلاڭ-تالاڭغا ئۇچرايدۇ.

[34] قىيىنچىلىق مەزگىلىدە خۇدانىڭ خەلقى ئازغىنە ياردەمگە ئېرىشىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر ئۇلارنىڭ سەپلىرىگە قوشۇلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ كۆپلىرى چىن نىيەتلىرى بىلەن قوشۇلمىغانىدى.

[35] بەزى دانا يولباشچىلار ئازاب چېكىدۇ، لېكىن ئۇلار چەككەن ئازابلىرى ئارقىلىق زامان ئاخىرىغىچە تاۋلىنىدۇ، پاكلىنىدۇ ۋە قۇسۇرسىز بولىدۇ. بۇ ئىش تاكى خۇدا بەلگىلىگەن كۈن كەلگۈچە داۋاملىشىدۇ.

[36] شىمال پادىشاھى خالىغىنىنى قىلىدۇ. ئۇ تەكەببۇرلىشىپ، ئۆزىنى «ھەرقانداق ئىلاھلاردىنمۇ ئۇلۇغمەن» دەپ ماختايدۇ. ھەتتا ھەممە ئىلاھلارنىڭ ئىلاھى بولغان پەرۋەردىگارغا قارشى سۆزلەپ، كۇپۇرلۇق قىلىدۇ. ئۇ تاكى خۇدانىڭ غەزىپى كەلگۈچە داۋاملىق شۇنداق قىلىدۇ. خۇدا ئۆزىنىڭ قارارلىرىنى ئۆزگەرتمەي، چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.

[37] شىمال پادىشاھى ئەجدادلىرى چوقۇنۇپ كەلگەن ئىلاھلارغىمۇ ھۆرمەت قىلمايدۇ، ئاياللار ئەتىۋارلايدىغان ئىلاھنىمۇ كۆزگە ئىلمايدۇ. ئۇ ئۆزىنى ھەرقانداق ئىلاھتىن ئۇلۇغ دەپ قارايدۇ.

[38] ئەمما ئەجدادلىرى چوقۇنۇپ باقمىغان قورغانلار ئىلاھىغا چوقۇنىدۇ. ئۇ بۇ ئىلاھقا ئالتۇن، كۈمۈش، ياقۇت ۋە باشقا قىممەتلىك سوۋغاتلارنى تەقدىم قىلىدۇ.

[39] ئۆز قورغىنىنى يات خەلقنىڭ ئىلاھى ئارقىلىق مۇھاپىزەت قىلىدۇ. ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى قوبۇل قىلغۇچىلارغا شان-شەرەپ ۋە يۇقىرى مەرتىۋە ئاتا قىلىدۇ. ئۇلارنى يەر-زېمىن بىلەن مۇكاپاتلايدۇ.

[40] زامان ئاخىرى بولغاندا جەنۇب پادىشاھى شىمال پادىشاھىغا ھۇجۇم قىلىدۇ. شىمال پادىشاھى جەڭ ھارۋىلىرى، جەڭ تۇلپارلىرى ۋە كېمىلىرىنى ئىشلىتىپ، كۈچلۈك قايتۇرما زەربە بېرىدۇ. ئۇنىڭ قوشۇنلىرى كەلكۈندەك بېسىپ كېلىپ، نۇرغۇن دۆلەتلەرنى بېسىۋالىدۇ.

[41] ھەتتا گۈزەل ئىسرائىلىيە زېمىنىغا بېسىپ كىرىپ، ئون مىڭلىغان كىشىلەرنى ئۆلتۈرىدۇ. پەقەت ئىدوم، موئاب خەلقى ۋە ئاممونلارنىڭ رەھبەرلىرى قېچىپ قۇتۇلىدۇ.

[42] شىمال پادىشاھى نۇرغۇن دۆلەتلەرگە بېسىپ كىرگەندە، ھەتتا مىسىرمۇ ئۇنىڭ چاڭگىلىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.

[43] ئۇ مىسىرنىڭ ئالتۇن-كۈمۈشلىرىنى ۋە باشقا قىممەت باھالىق بۇيۇملىرىنى تالان-تاراج قىلىدۇ. لىۋىيىلىكلەر ۋە كۇشلارنى بويسۇندۇرىدۇ.

[44] كېيىن شەرق ۋە شىمالدىن كەلگەن خەۋەرلەر شىمال پادىشاھىنى ئالاقزادە قىلىدۇ. ئۇ غەزەپلىنىپ، ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، دۈشمەنلىرىنى تەلتۆكۈس يوقىتىدۇ.

[45] ئۇ دېڭىز ۋە ئىسرائىلىيەدىكى كۆركەم، مۇقەددەس تاغ ئارىسىغا بېرىپ، ئۇ يەردە شاھانە چېدىرلىرىنى تىكىدۇ. ئەمما ئۇ شۇ يەردە جان بېرىدۇ، ھېچكىم ئۇنى قۇتقۇزۇۋالالمايدۇ.

دانىيال — Chapters