Skip to content
Opens in a new window

[1] پادىشاھ دارىئوس 120 نەپەر ئۆلكە باشلىقىنى تەيىنلەپ، پۈتۈن پادىشاھلىقنى ئىدارە قىلىشنى قارار قىلدى.

[2] ئۇ ئۆزىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن دانىيال بىلەن يەنە باشقا ئىككى ئادەمنى ئۇلارغا باش قىلىپ، ۋەزىرلىككە تەيىنلىدى.

[3] دانىيال ئالاھىدە ئەقىل-پاراسەتلىك بولغاچقا، ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنىڭ باشقا ئىككى ۋەزىر ۋە ئۆلكە باشلىقلىرىدىن ئىقتىدارلىق ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى. شۇڭا پادىشاھ دانىيالنى ئۆزىنىڭ پۈتۈن پادىشاھلىقىنى باشقۇرۇشقا قويۇشنى پىلانلىدى.

[4] دانىيالنىڭ ھەمراھلىرى ۋە ئۆلكە باشلىقلىرى ئۇنىڭ پادىشاھلىقتىكى ئىشلىرىدىن بىرەر ئەيىب، سەۋەنلىك تېپىشقا ئۇرۇندى. ئەمما دانىيال راستچىل، پاك ۋە ئەستايىدىل بولغاچقا، ئۇلار ئۇنىڭدىن ھېچقانداق قۇسۇر تاپالمىدى.

[5] شۇنىڭ بىلەن ئۇلار: _ ئەگەر بىز دانىيالدىن قۇسۇر تاپماقچى بولساق، پەقەت ئۇنىڭ دىنىي ئېتىقادىدىن تېپىشىمىز كېرەك ئىكەن، _ دېيىشتى.

[6] شۇنىڭ بىلەن ئىككى ۋەزىر ۋە ئۆلكە باشلىقلىرى بىرلىشىپ پادىشاھنىڭ ئالدىغا بېرىپ، مۇنداق دېيىشتى: _ پادىشاھ دارىئوس ئالىيلىرى مەڭگۈ ياشىغايلا!

[7] پادىشاھلىقلىرىنىڭ ۋەزىرلىرى، ئۆلكە باشلىقلىرى، ۋالىيلىرى، مەسلىھەتچىلىرى ۋە ھاكىملىرى بولغان بىز مەسلىھەتلىشىپ، پادىشاھ ئالىيلىرىنىڭ مۇنداق پەرمان چۈشۈرۈشلىرىگە كېلىشتۇق. سىلى: «30 كۈن ئىچىدە ھەرقانداق بىر ئادەم مەن پادىشاھ ئالىيلىرىدىن باشقا ھەرقانداق ئىلاھ ياكى ئادەمگە دۇئا قىلسا، شىر ئۇۋىسىغا تاشلانسۇن، بۇ پەرمان قەتئىي ئىجرا قىلىنسۇن» دەپ پەرمان چۈشۈرسىلە.

[8] پادىشاھ ئالىيلىرى، بۈگۈنلا يازما پەرمان چۈشۈرسىلە، ئۇنى ھېچكىم ئۆزگەرتەلمەيدۇ. مىدىيالىقلار ۋە پېرسىيەلىكلەرنىڭ قانۇنىغا ئاساسەن پەرماننى ھېچكىم ئۆزگەرتەلمەيدۇ.

[9] شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ دارىئوس شۇنداق بىر يازما پەرماننى چۈشۈردى.

[10] دانىيال بۇ پەرماننىڭ چۈشكىنىنى ئاڭلاپ، ئۆيىگە قايتتى. ئۇنىڭ ئۆيىدە بىر بالىخانا بار ئىدى. بالىخانىنىڭ دېرىزىسى يېرۇسالېم تەرەپكە قاراپ ئېچىلغانىدى. ئۇ بۇرۇنقىدەكلا دېرىزىنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ، كۈندە ئۈچ قېتىم ئۆزى ئېتىقاد قىلغان خۇداغا دۇئا قىلىپ، ئىبادەت قىلىۋەردى.

[11] پادىشاھنىڭ ئالدىغا كىرگەن ھېلىقى ئەمەلدارلار دانىيالنىڭ ئۆيىگە بىللە بېرىپ، ئۇنىڭ ئۆز خۇداسىغا ئىلتىجا قىلىپ، دۇئا قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى.

[12] ئۇلار شۇ ھامان پادىشاھنىڭ ئالدىغا بېرىپ، پەرمان ھەققىدە توختالدى. ئۇلار پادىشاھقا مۇنداق دېدى: _ پادىشاھ ئالىيلىرى، سىلى: «30 كۈن ئىچىدە ھەرقانداق بىر ئادەم مەن پادىشاھ ئالىيلىرىدىن باشقا ھەرقانداق ئىلاھ ياكى ئادەمگە دۇئا قىلسا، شىر ئۇۋىسىغا تاشلانسۇن» دەپ پەرمان چۈشۈرگەنىدىلە. _ شۇنداق، مۇشۇنداق پەرمان چۈشۈرگەنىدىم. مىدىيالىقلار ۋە پېرسىيەلىكلەرنىڭ قانۇنىغا ئاساسەن پەرماننى ھېچكىم ئۆزگەرتەلمەيدۇ، _ دېدى پادىشاھ.

[13] ئۇلار پادىشاھقا يەنە: _ يەھۇدىيە زېمىنىدىن ئەسىرگە ئېلىنغان دانىيال سىلى ۋە سىلى چۈشۈرگەن پەرمانغا بويسۇنماي، ھەر كۈنى ئۈچ قېتىم ئۆزىنىڭ ئىلاھىغا دۇئا قىلىۋاتىدۇ، _ دېدى.

[14] پادىشاھ بۇ گەپنى ئاڭلاپ، قاتتىق بىئارام بولدى ۋە دانىيالنى قانداق قۇتقۇزۇۋېلىش ھەققىدە ئويلاندى. ئۇ كۈن پاتقۇچە دانىيالنى قۇتقۇزۇۋېلىشنىڭ ئامالىنى ئويلىدى.

[15] كۈن پاتقاندا دانىيالنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلغۇچىلار بىرلىشىپ پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا يەنە كەلدى ۋە پادىشاھقا مۇنداق دېدى: _ پادىشاھ ئالىيلىرى، سىلى بىلىلا، مىدىيالىقلار ۋە پېرسىيەلىكلەرنىڭ قانۇنىغا ئاساسەن پادىشاھ چۈشۈرگەن پەرماننى ھېچكىم ئۆزگەرتەلمەيدۇ.

[16] شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ دانىيالنى تۇتۇپ كېلىپ، شىر ئۇۋىسىغا تاشلاشقا بۇيرۇدى ھەمدە پادىشاھ دانىيالغا مۇنداق دېدى: _ سەن ئىخلاس بىلەن چوقۇنىدىغان خۇدا سېنى قۇتقۇزغاي!

[17] بىر قورام تاش بىلەن ئۇۋا ئېغىزى ئېتىپ قويۇلدى. ھېچكىمنىڭ دانىيالنى قۇتقۇزۇۋالماسلىقى ئۈچۈن، پادىشاھ قورام تاشقا ئۆزىنىڭ ئۈزۈك مۆھۈرى بىلەن ئەمەلدارلىرىنىڭ مۆھۈرلىرىنىمۇ باستى.

[18] پادىشاھ ئوردىغا يېنىپ كېلىپ، كېچىچە بىر نەرسە يېمىدى، كۆڭۈل ئاچمىدى ھەم ئۇخلىمىدى.

[19] ئەتىسى سۈبھى بىلەن پادىشاھ ئورنىدىن تۇرۇپ، ئالدىراپ شىر ئۇۋىسىغا يول ئالدى.

[20] ئۇ شىر ئۇۋىسىنىڭ يېنىغا كەلگەندە، قايغۇلۇق ئاۋاز بىلەن: _ دانىيال، مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ خىزمەتكارى، سېنىڭ ئىخلاس بىلەن چوقۇنىدىغان خۇدايىڭ سېنى شىرلاردىن قۇتقۇزۇۋالدىمۇ؟ _ دەپ سورىدى.

[21] دانىيال پادىشاھقا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: _ پادىشاھ ئالىيلىرى مەڭگۈ ياشىغايلا!

[22] مېنىڭ خۇدايىم ئۆز پەرىشتىسىنى ئەۋەتىپ، شىرلارنىڭ ئېغىزلىرىنى ئېتىپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن شىرلار ماڭا زىيانكەشلىك قىلالمىدى. چۈنكى مەن خۇدا ئالدىدا پاك ئىدىم. پادىشاھىم، سىلىنىڭ ئالدىلىرىدىمۇ خاتالىق ئۆتكۈزمىگەنمەن.

[23] پادىشاھ ئىنتايىن خۇشال بولدى ۋە دانىيالنى شىر ئۇۋىسىدىن تارتىپ چىقىرىشقا پەرمان قىلدى. دانىيال ساق-سالامەت ئۇۋىدىن چىقتى. چۈنكى ئۇ خۇداسىغا ئىشەنگەنىدى.

[24] شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ دانىيالنىڭ ئۈستىدىن يامان نىيەت بىلەن ئەرز قىلغۇچىلارنى خوتۇن-بالىلىرى بىلەن قوشۇپ، شىر ئۇۋىسىغا تاشلاشقا پەرمان قىلدى. ئۇلار تېخى شىر ئۇۋىسىنىڭ تېگىگە يەتمەي تۇرۇپلا، شىرلار ئۇلارغا ئېتىلىپ كېلىپ، سۆڭەكلىرىنى چايناپ، ئېزىۋەتتى.

[25] پادىشاھ دارىئوس يەر يۈزىدىكى ھەرقايسى خەلق، ھەرقايسى مىللەت، ھەر خىل تىلدا سۆزلىشىدىغانلارغا مەكتۇپ يوللاپ مۇنداق دېدى: «سىلەرگە ئامانلىق يار بولسۇن!

[26] مەن شۇنداق پەرمان جاكارلايمەنكى، مېنىڭ پادىشاھلىقىمدىكى ھەربىر ئادەم دانىيال ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدادىن ئەيمىنىشى ۋە ئۇنىڭغا ھۆرمەت قىلىشى كېرەك. چۈنكى ئۇ مەڭگۈ ھايات خۇدادۇر، ئۇ مەڭگۈ مەۋجۇتتۇر. ئۇنىڭ پادىشاھلىقى ھەرگىز ۋەيران بولماستۇر، ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقى مەڭگۈ مەۋجۇتتۇر.

[27] ئۇ قۇتقۇزغۇچىدۇر، نىجاتكاردۇر، ئۇ ئاسمان ۋە زېمىندىكى مۆجىزە ۋە بېشارەتلەرنىڭ ئىگىسىدۇر. ئۇ دانىيالنى شىرلاردىن قۇتقۇزدى.»

[28] پادىشاھ دارىئوس ۋە پېرسىيەلىك پادىشاھ كورەشنىڭ زامانلىرىدا دانىيالنىڭ مەرتىۋىسى ئۈستۈن بولدى.

دانىيال — Chapters