Skip to content
Opens in a new window

[1] بابىل پادىشاھى بېلشاززار ھۆكۈمرانلىقىنىڭ بىرىنچى يىلى مەن دانىيال كېچىسى بىر چۈش كۆردۈم. چۈشۈمدە كۆرگەن غايىبانە ئالامەتلەرنى خاتىرىلەپ قويدۇم. كۆرگەن چۈشۈم مۇنداق ئىدى: ئالدىمدا تۆت تەرەپتىن كۆتۈرۈلگەن قارا بوران دېڭىز سۈيىنى چايقاۋاتاتتى.

[3] دېڭىزدىن بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان غايەت چوڭ تۆت دىۋە چىقىپ كەلدى.

[4] بىرىنچىسى شىرغا ئوخشايتتى، ئەمما بۈركۈتنىڭكىدەك قانىتى بار ئىدى. مەن كۆزىتىپ تۇرغىنىمدا، ئۇنىڭ قاناتلىرى سۇندۇرۇپ ئېلىۋېتىلدى. ئۇنى يۆلىگەنىدى، ئۇ خۇددى ئادەمدەك ئىككى پۇتى بىلەن ئۆرە تۇردى. ئۇنىڭغا ئىنساننىڭ تەپەككۇرى بېرىلگەنىدى.

[5] ئىككىنچى دىۋە ئېيىققا ئوخشايتتى. ئۇ كەينى پۇتلىرى بىلەن ئۆرە تۇراتتى. چىشلىرى ئارىسىدا ئۈچ تال قوۋۇرغا سۆڭەك چىشلەكلىك تۇراتتى. بىر ئاۋاز ئۇنىڭغا: «قېنى، كۆپرەك گۆش يېگىن!» دەۋاتاتتى.

[6] ئاندىن كېيىن ئۈچىنچى دىۋىنى كۆردۈم، ئۇ يىلپىزغا ئوخشايتتى. ئۇنىڭ دۈمبىسىدە قۇشلارنىڭ قانىتىدەك تۆت تال قانات بار ئىدى. ئۇنىڭ يەنە تۆت بېشى بولۇپ، ئۇنىڭغا ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقى بېرىلگەنىدى.

[7] شۇ ئەسنادا تۆتىنچى دىۋە پەيدا بولدى. ئۇ ئىنتايىن قورقۇنچلۇق ۋە كۈچلۈك بولۇپ، ناھايىتى ۋەھىمىلىك ئىدى. ئۇ چوڭ تۆمۈر چىشلىرى بىلەن ئولجىلىرىنى پارچە-پارچە قىلىپ، يالماپ يۇتاتتى، ئاشقانلىرىنى دەسسەپ چەيلەيتتى. ئۇ ئالدىنقى ئۈچ دىۋىگە ئوخشىمايدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئون مۈڭگۈزى بار ئىدى.

[8] مەن بۇ مۈڭگۈزلەرگە قاراپ تۇرغىنىمدا، مۈڭگۈزلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىن بىر كىچىك مۈڭگۈز ئۆسۈپ چىقتى. بۇ مۈڭگۈز ئەسلىدىكى ئون مۈڭگۈزنىڭ ئىچىدىكى ئۈچ مۈڭگۈزنى يىلتىزلىرى بىلەن بىللە قومۇرۇپ تاشلىدى. بۇ مۈڭگۈزنىڭ ئادەمگە ئوخشاش كۆزى بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئېغىزى تەكەببۇرلارچە پو ئېتىۋاتاتتى.

[9] مەن قاراپ تۇراتتىم، بىرقانچە تەختلەر ئۆز ئورۇنلىرىغا قويۇلدى، ئەزەلدىن مەۋجۇت بولغۇچى ئۆز تەختىدە ئولتۇردى. ئۇنىڭ كىيىملىرى قاردەك، چاچلىرى ئاق يۇڭدەك ئاپئاق ئىدى. ئۇنىڭ تەختى ئوت يالقۇنىدىن بولۇپ، كۆيۈۋاتقان چاقلارنىڭ ئۈستىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغانىدى.

[10] ئوت ئۇنىڭ ھۇزۇرىدىن كەلكۈندەك يوپۇرۇلۇپ چىقاتتى. ئۇنىڭ ئەتراپىدا مىڭلىغانلار خىزمەت قىلاتتى، ئالدىدا سان-ساناقسىزلار كۈتۈپ تۇراتتى. سوئال-سوراق باشلىنىپ، پۈتۈكلەر ئېچىلدى.

[11] مەن كۆزىتىپ تۇراتتىم، ھېلىقى كىچىك مۈڭگۈز تېخىچە پو ئېتىۋاتاتتى. شۇ ئەسنادا تۆتىنچى دىۋە ئۆلتۈرۈلدى. ئۇنىڭ جەسىتى ۋەيران قىلىنىپ، يالقۇنلاۋاتقان ئوتقا تاشلاندى.

[12] قالغان ئۈچ دىۋىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى تارتىۋېلىنىپ، يەنە بىر مەزگىل ياشاشقا يول قويۇلدى.

[13] چۈشۈمدە ئىنسانئوغلىغا ئوخشايدىغان بىرسىنىڭ بۇلۇتلار بىلەن ئەزەلدىن مەۋجۇت بولغۇچىنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئۇ ئەزەلدىن مەۋجۇت بولغۇچىنىڭ ھۇزۇرىغا باشلاپ كىرىلدى.

[14] ئۇنىڭغا ھۆكۈمرانلىق، شان-شەرەپ ۋە سەلتەنەت ئاتا قىلىندى. ھەممە خەلق، ھەممە مىللەت، ھەر خىل تىلدا سۆزلىشىدىغانلار ئۇنىڭغا بويسۇندۇرۇلدى. ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئەبەدىيدۇر، پادىشاھلىقى مەڭگۈ ئاخىرلاشمايدۇ، ھېچقاچان گۇمران بولمايدۇ.

[15] مەن بۇ غايىبانە ئالامەتلەردىن قورقۇپ، خاتىرجەمسىزلەندىم.

[16] شۇنىڭ بىلەن مەن تەخت يېنىدا تۇرغان بىر پەرىشتىدىن بۇلارنىڭ ئېنىق مەنىسىنى سورىدىم. ئۇ ماڭا بۇلارنىڭ مەنىسىنى دەپ بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

[17] «بۇ تۆت دىۋە بولسا يەر يۈزىدە بارلىققا كېلىدىغان تۆت پادىشاھلىقتۇر.

[18] ئاخىرىدا ئۇلۇغ خۇدانىڭ تەقۋادارلىرى خۇدانىڭ بۇ پادىشاھلىقىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭغا مەڭگۈ ئىگە بولىدۇ.»

[19] شۇ چاغدا مەن تۆتىنچى دىۋىنىڭ ئەھۋالىنى تېخىمۇ ئېنىق بىلىۋېلىشنى ئويلىدىم. ئۇ باشقا ئۈچ دىۋىگە ئوخشىمايتتى. ئۇ ئىنتايىن قورقۇنچلۇق ئىدى. ئۇ تۆمۈر چىشلىرى، تۇچ تىرناقلىرى بىلەن ئولجىلىرىنى پارچە-پارچە قىلىپ، يالماپ يۇتاتتى، ئاشقانلىرىنى دەسسەپ چەيلەيتتى.

[20] مەن يەنە ئۇنىڭ بېشىدىكى ئون تال مۈڭگۈز ۋە كېيىن ئۆسكەن مۈڭگۈزنىڭ ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئۈچ مۈڭگۈزنى يۇلۇپ تاشلىغانلىقتىن ئىبارەت ئىشلارنى بىلمەكچى بولدۇم. كىچىك مۈڭگۈزنىڭ ئادەمگە ئوخشاش كۆزى ۋە ئېغىزى بار بولۇپ، تەكەببۇرلارچە پو ئاتاتتى. ئۇنىڭ تەسىرى باشقا مۈڭگۈزلەرگە قارىغاندا چوڭراق ئىدى.

[21] مەن كۆزىتىپ تۇرغىنىمدا، بۇ مۈڭگۈز خۇدانىڭ تەقۋادارلىرى بىلەن ئۇرۇش قىلىپ، ئۇلارنى مەغلۇپ قىلدى.

[22] شۇنىڭدىن كېيىن ئەزەلدىن مەۋجۇت بولغۇچى _ ئۇلۇغ خۇدا كېلىپ، تەقۋادارلىرى ئۈچۈن ئادالەتنى ياقىلىدى. تەقۋادارلارنىڭ پادىشاھلىققا ئېرىشىدىغان كۈنلىرى يېتىپ كەلدى.

[23] ئۇ پەرىشتە مۇنداق دېدى: «تۆتىنچى دىۋە بولسا يەر يۈزىدە بارلىققا كېلىدىغان تۆتىنچى پادىشاھلىق بولۇپ، باشقا پادىشاھلىقلارغا ئوخشىمايدۇ. ئۇ پۈتۈن دۇنيانى يالماپ يۇتۇپ، دەسسەپ-چەيلەپ، پارە-پارە قىلىدۇ.

[24] ئون مۈڭگۈز بولسا بۇ پادىشاھلىقتىكى ئون پادىشاھنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلاردىن كېيىن يەنە بىر پادىشاھ بارلىققا كېلىدۇ. ئۇ ئىلگىرىكى باشقا پادىشاھلارغا ئوخشىمايدۇ. ئۇ ئون پادىشاھنىڭ ئىچىدىكى ئۈچ پادىشاھنى مەغلۇپ قىلىدۇ.

[25] ئۇ ئۇلۇغ خۇداغا قارشى گەپ قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ تەقۋادارلىرىنى ئېزىدۇ. خۇدا بېكىتكەن مۇقەددەس بايراملار ۋە قانۇنلارنى ئۆزگەرتمەكچى بولىدۇ. تەقۋادارلار ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بىر مەزگىل، ئىككى مەزگىل ۋە يەنە يېرىم مەزگىل تۇرىدۇ.

[26] ئاندىن ئەرشتە سوئال-سوراق باشلىنىدۇ. زالىم پادىشاھنىڭ ھوقۇقى تارتىۋېلىنىپ، مەڭگۈلۈك يوق قىلىنىدۇ.

[27] يەر يۈزىدىكى بارلىق پادىشاھلىقلارنىڭ ھوقۇقى، ھەيۋىسى ۋە سەلتەنىتى ئۇلۇغ خۇدانىڭ تەقۋادارلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ. ئۇلارنىڭ پادىشاھلىقى مەڭگۈلۈك بولىدۇ، ھەممە ھۆكۈمرانلار ئۇلارغا خىزمەت قىلىدۇ ۋە بويسۇنىدۇ.»

[28] چۈشۈم مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى. قورققىنىمدىن چىرايىمنىڭ تاتىرىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلدىم، لېكىن بۇ ئىشلارنى پەقەت ئۆزۈملا بىلىپ قالدىم.

دانىيال — Chapters