[1] پادىشاھ نىبۇكادنەزەر ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئىككىنچى يىلى بىر چۈش كۆردى، چۈشى سەۋەبلىك كەيپىياتى بۇزۇلۇپ، ئۇيقۇسى قاچتى.
[2] شۇنىڭ بىلەن ئۇ سېھىرگەر، پالچى، داخان ۋە باخشىلارنى ئۆز چۈشىگە تەبىر بېرىش ئۈچۈن چاقىرتىپ كەلدى. ئۇلار پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كىرگەندىن كېيىن،
[3] پادىشاھ بۇ ھۆكۈمالارغا: _ مەن بىر چۈش كۆردۈم، چۈشۈم كەيپىياتىمنى بۇزدى، مەن بۇ چۈشنىڭ تەبىرىنى بىلمەكچىمەن، _ دېدى.
[4] ھۆكۈمالار پادىشاھقا ئارامىي تىلىدا جاۋاب بېرىپ: _ پادىشاھ ئالىيلىرى مەڭگۈ ياشىغايلا! چۈشلىرىنى بىز خىزمەتكارلىرىغا سۆزلەپ بەرسىلە، چۈشلىرىگە تەبىر بېرەيلى، _ دېدى.
[5] پادىشاھ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: _ بىلىپ قويۇڭلاركى، ئەگەر سىلەر مېنىڭ قانداق چۈش كۆرگەنلىكىمنى ۋە ئۇنىڭ تەبىرىنى ئېيتىپ بېرەلمىسەڭلار، تېنىڭلار پارچىلىنىپ، ئۆيۈڭلار خارابىلىككە ئايلىنىدۇ.
[6] ئەگەر سىلەر كۆرگەن چۈشۈمنى ئېيتىپ بېرىپ، ئۇنىڭغا تەبىر بېرەلىسەڭلار، مەندىن كاتتا ئىنئام ۋە مەرتىۋىگە ئېرىشىسىلەر. ئەمدى مېنىڭ چۈشۈمنى ۋە ئۇنىڭ تەبىرىنى ئېيتىپ بېرىڭلار.
[7] ئۇلار پادىشاھقا يەنە جاۋاب بېرىپ: _ پادىشاھ ئالىيلىرى، چۈشلىرىنى بىز خىزمەتكارلىرىغا سۆزلەپ بەرسىلە، چۈشلىرىگە تەبىر بېرەيلى، _ دېدى.
[8] پادىشاھ: _ ئېنىق بىلىپ تۇرۇۋاتىمەن، سىلەر قارارىمنىڭ قەتئىيلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، ۋاقىتنى ئارقىغا سوزۇۋاتىسىلەر.
[9] ئەگەر سىلەر مېنىڭ چۈشۈمگە تەبىر بېرەلمىسەڭلار، سىلەرنى پەقەت جازا كۈتۈپ تۇرۇپتۇ. سىلەر تىل بىرىكتۈرۈپ، ماڭا يالغان گەپ قىلىپ، ئىشلارنى ئۆزگەرتمەكچى بولۇۋاتىسىلەر. سىلەر ھازىر مېنىڭ چۈشۈمنى دەپ بېرىڭلار، شۇندىلا مەن سىلەرنىڭ چۈشكە تەبىر بېرەلەيدىغانلىقىڭلارغا ئىشىنىمەن، _ دېدى.
[10] ھۆكۈمالار پادىشاھقا جاۋاب بېرىپ: _ يەر يۈزىدە ھېچقانداق ئادەم ئالىيلىرىنىڭ بۇ تەلەپلىرىنى قاندۇرالمايدۇ. ئەلمىساقتىن تارتىپ ھېچقانداق بىر ئۇلۇغ ۋە قۇدرەتلىك پادىشاھ بۇنداق بىر تەلەپنى سېھىرگەر، پالچى ۋە ھۆكۈمالاردىن تەلەپ قىلىپ باقمىغان.
[11] ئالىيلىرىنىڭ قىلغان بۇ تەلىپى ئىنتايىن قىيىندۇر، بۇ تەلەپنى پەقەت ئىنسانلار ئارىسىدا ياشىمايدىغان ئىلاھلارلا ئورۇندىيالايدۇ، _ دېدى.
[12] بۇنى ئاڭلاپ پادىشاھ قاتتىق دەرغەزەپ بولۇپ، بابىلدىكى بارلىق ھۆكۈمالارنى قەتل قىلىشقا ئەمر قىلدى.
[13] ھۆكۈمالارنى قەتل قىلىش ھۆكۈمى ئېلان قىلىندى. ئادەم ئەۋەتىلىپ، دانىيال ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىمۇ ئۆلتۈرمەكچى بولۇشتى.
[14] ياساۋۇللار باشلىقى ئاريوك ھۆكۈمالارنى قەتل قىلىش ئۈچۈن يۈرۈپ كەتتى. دانىيال ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ زېرەكلىك ۋە ئېھتىياتچانلىق بىلەن:
[15] _ پادىشاھ نېمە ئۈچۈن بۇنداق قاتتىق يارلىقنى چۈشۈردى؟ _ دەپ سورىدى. ئاريوك بولغان ئەھۋالنى دانىيالغا سۆزلەپ بەردى.
[16] شۇنىڭ بىلەن دانىيال پادىشاھنىڭ ئالدىغا كىرىپ، ئۆزىگە ۋاقىت بەرسە پادىشاھنىڭ كۆرگەن چۈشىگە تەبىر بېرەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
[17] ئاندىن دانىيال ئۆيىگە قايتىپ بېرىپ، دوستلىرى خانانيا، مىشائېل ۋە ئازاريالارغا نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى سۆزلەپ بەردى.
[18] ئۇ ئۆزلىرى ۋە بابىلدىكى باشقا ھۆكۈمالارنىڭ قەتل قىلىنماسلىقى ئۈچۈن، دوستلىرىغا: _ ئەرشتىكى خۇداغا ئىلتىجا قىلىڭلار، ئۇنىڭ بىزگە رەھىم قىلىپ، بۇ سىرلىق چۈشكە تەبىر بېرەلىشىمىزنى ئۆتۈنۈڭلار، _ دېدى.
[19] شۇ كېچىسى بۇ سىرلىق چۈشنىڭ تەبىرى دانىيالغا غايىبانە ۋەھىي ئارقىلىق ئايان بولدى. شۇنىڭ بىلەن دانىيال ئەرشتىكى خۇداغا مەدھىيە ئوقۇپ،
[20] مۇنداق دېدى: «مەدھىيەلەيمەن خۇدانىڭ نامىنى تائەبەد، مەڭگۈ ئۇنىڭغا يار بولغاي ئەقىل ۋە قۇدرەت.
[21] ئۇ ئۆزگەرتەلەيدۇ ۋاقىت ۋە پەسىلنى، ئۇ بىكار قىلىدۇ ۋە تىكلەيدۇ پادىشاھلارنى. ئۇ دانىشمەنلەرگە دانالىق، ئاقىللارغا بىلىم ئاتا قىلىدۇ.
[22] ئۇ ئاشكارىلايدۇ غايىب ئىشلار ۋە سىرلارنى، ئۇ بىلىدۇ بارچە قاراڭغۇلۇقتىكى ئىشلارنى، چۈنكى ياردۇر يورۇقلۇق ئۇنىڭغا.
[23] شۈكۈر ۋە مەدھىيە ئېيتىمەن، ئى خۇدا ساڭا، ئى ئەجدادلىرىم ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا، ماڭا پاراسەت ۋە قۇدرەت قىلدىڭ ئاتا. بىزگە بەردىڭ سورىغىنىمىزنى، بىزگە بىلدۈردۈڭ پادىشاھنىڭ چۈشىنى.»
[24] دانىيال پادىشاھ تەرىپىدىن بابىلدىكى ھۆكۈمالارنى قەتل قىلىشقا بۇيرۇلغان ئاريوكنىڭ ئالدىغا بېرىپ: _ بابىلدىكى ھۆكۈمالارنى قەتل قىلماڭ، مېنى پادىشاھنىڭ ئالدىغا باشلاپ بېرىڭ، مەن پادىشاھنىڭ چۈشىگە تەبىر بېرىمەن، _ دېدى.
[25] ئاريوك دانىيالنى دەرھال پادىشاھنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كىردى ۋە پادىشاھقا: _ مەن يەھۇدىيە زېمىنىدىن ئەسىرگە ئېلىنغانلار ئىچىدىن ئالىيلىرىنىڭ چۈشىگە تەبىر بېرەلەيدىغان بىرسىنى تېپىپ كەلدىم، _ دېدى.
[26] پادىشاھ دانىيالدىن (بېلتىشاززار دەپمۇ ئاتىلىدۇ): _ سەن مېنىڭ نېمە چۈش كۆرگەنلىكىمنى بىلەلەمسەن ۋە چۈشۈمگە تەبىر بېرەلەمسەن؟ _ دەپ سورىدى.
[27] دانىيال مۇنداق جاۋاب بەردى: _ ھېچقانداق بىر ھۆكۈما، پالچى، سېھىرگەر ياكى مۇنەججىم ئالىيلىرى سورىغان بۇ سىرلىق ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدۇ.
[28] لېكىن ئەرشتە سىرلارنى يېشەلەيدىغان بىر خۇدا بار. ئۇ پادىشاھ ئالىيلىرىغا كەلگۈسىدە يۈز بېرىدىغان ئىشلارنى كۆرسىتىپ بەرگەن. سىلى ئۇخلاۋاتقان ۋاقىتتا كۆرگەن چۈش ۋە ئالامەتلەر مۇنداق:
[29] پادىشاھ ئالىيلىرى، سىلىنىڭ ئۇخلاۋاتقان ۋاقىتتا كۆرگەن چۈشلىرى كەلگۈسىدە بولىدىغان ئىشلاردىن بېشارەتتۇر. سىرلىق ئىشلارنى ئاشكارا قىلالايدىغان خۇدا سىلىگە كېيىن يۈز بېرىدىغان ئىشلاردىن ئالدىن بېشارەت بەرگەندۇر.
[30] بۇ سىرنىڭ ماڭا ئاشكارا قىلىنغانلىقى مېنىڭ دانالىقىمنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى سىلى كۆرگەن بۇ چۈشنىڭ مەنىسىنى بىلىشلىرى ئۈچۈندۇر.
[31] پادىشاھ ئالىيلىرى، سىلى چۈشلىرىدە ئالدىلىرىدا يالتىراپ، چاقناپ تۇرغان ناھايىتى چوڭ بىر ھەيكەلنى كۆردىلە. بۇ ھەيكەلنىڭ تۇرقى ئىنتايىن قورقۇنچلۇق بولۇپ،
[32] ئۇنىڭ بېشى ساپ ئالتۇندىن، كۆكرىكى ۋە بىلىكى كۈمۈشتىن، قورسىقى ۋە يوتىسى تۇچتىن ياسالغان.
[33] پاچىقى تۆمۈردىن، پۇتىنىڭ بىر قىسمى تۆمۈردىن، بىر قىسمى ساپالدىن ياسالغان.
[34] سىلى ئۇنىڭغا قاراپ تۇرغانلىرىدا، ئىنسان قولى بىلەن قېزىۋېلىنمىغان بىر قورام تاش دومىلاپ كېلىپ، ھەيكەلنىڭ تۆمۈر ۋە ساپالدىن ياسالغان پۇتلىرىغا ئۇرۇلدى-دە، ئۇلارنى پارچە-پارچە قىلىۋەتتى.
[35] شۇنىڭ بىلەن تۆمۈر، ساپال، تۇچ، كۈمۈش ۋە ئالتۇنلار پارچە-پارچە بولۇپ، خۇددى يازدا خامانغا دۆۋىلەپ قويۇلغان ساماننى بوران ئۇچۇرۇپ كەتكەندەك، ھەيكەلنىڭ پارچىلىرىدىن ھېچبىر ئەسەر قالمىدى. ئەمما ھەيكەلنى چېقىپ تاشلىغان ھېلىقى قورام تاش چوڭ بىر تاغقا ئايلىنىپ، پۈتۈن يەر يۈزىنى قاپلىدى.
[36] بۇ سىلىنىڭ كۆرگەن چۈشلىرىدۇر، ئەمدى چۈشلىرىگە تەبىر بېرەي.
[37] پادىشاھ ئالىيلىرى، سىلى پادىشاھلارنىڭ پادىشاھىدۇرلا! ئەرشتىكى خۇدا سىلىگە سەلتەنەت، كۈچ-قۇدرەت ۋە شان-شۆھرەت ئاتا قىلدى.
[38] ئۇ سىلىنى يەر يۈزىدە ياشاۋاتقان بارلىق ئىنسانلارنىڭ، ھەتتاكى ياۋايى ھايۋانلار، ئاسماندىكى قۇشلارنىڭ خاقانى قىلغاندۇر. سىلى چۈشلىرىدە كۆرگەن ھەيكەلنىڭ ئاشۇ ئالتۇن بېشى ئۆزلىرى بولىلا.
[39] سىلىدىن كېيىن، سىلىنىڭ پادىشاھلىقلىرىغا يەتمەيدىغان يەنە بىر پادىشاھلىق بارلىققا كېلىدۇ، كېيىن يەنە ئۈچىنچى بىر پادىشاھلىق بارلىققا كېلىدۇ، بۇ پادىشاھلىق ھېلىقى تۇچتۇر. ئۇ پۈتۈن يەر يۈزىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ.
[40] ئاخىرىدا تۆتىنچى پادىشاھلىق بارلىققا كېلىدۇ. ئۇ تۆمۈردەك قاتتىق بولۇپ، تۆمۈر بارلىق نەرسىلەرنى كۇكۇم-تالقان قىلالىغىنىدەك بۇ پادىشاھلىقمۇ باشقا پادىشاھلىقلارنى ئۇرۇپ، بىتچىت قىلىدۇ.
[41] سىلى كۆرگەن ساپال بىلەن تۆمۈردىن ياسالغان پۇت ۋە پۇتنىڭ بارماقلىرى، بۇ پادىشاھلىقنىڭمۇ پارچىلىنىدىغانلىقىدىن بېشارەت بېرىدۇ. چۈشلىرىدە تۆمۈر بىلەن ساپال ئارىلاش ياسالغاندەك، بۇ پادىشاھلىقنىڭمۇ تۆمۈردەك كۈچلۈك تەرىپى بولىدۇ.
[42] پۇت بارماقلىرىنىڭ بىر قىسمىنىڭ تۆمۈردىن يەنە بىر قىسمىنىڭ ساپالدىن ياسالغانلىقى بۇ پادىشاھلىقنىڭ تۆمۈردەك كۈچلۈك، ھەم ساپالدەك ئاجىز بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
[43] تۆمۈر بىلەن ساپالنىڭ ئارىلاشقانلىقى ھۆكۈمدارلارنىڭ قۇدا بولۇش يولى بىلەن پادىشاھلىقلىرىنى مۇستەھكەملەش ئويىدا بولىدىغانلىقىنى، ئەمما تۆمۈر بىلەن ساپال ئارىلىشالمىغاندەك ئۇلارنىڭمۇ بىرلىشەلمەيدىغانلىقىدىن بېشارەت بېرىدۇ.
[44] ئاشۇ پادىشاھلار ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان زاماندا، ئەرشتىكى خۇدا مەڭگۈ مەغلۇپ بولمايدىغان ۋە يوقالمايدىغان بىر پادىشاھلىقنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. بۇ پادىشاھلىق باشقا بارلىق پادىشاھلىقلارنى يانجىپ، يوقىتىپ، ئۆزى مەڭگۈ ھۆكۈم سۈرىدۇ.
[45] سىلى كۆرگەن، ئىنسان قولى بىلەن قېزىۋېلىنمىغان بىر قورام تاشنىڭ دومىلاپ كېلىپ، تۆمۈر، تۇچ، ساپال، كۈمۈش ۋە ئالتۇنلاردىن ياسالغان ھەيكەلگە ئۇرۇلۇپ، ئۇنى چېقىپ تاشلىغانلىقى، ئۇلۇغ خۇدانىڭ پادىشاھ ئالىيلىرىغا كەلگۈسىدە يۈز بېرىدىغان ئىشلارنى كۆرسىتىپ بەرگەنلىكىدۇر. سىلىنىڭ كۆرگەن بۇ چۈشلىرى راستتۇر، ئۇنىڭ تەبىرىمۇ ئىشەنچلىكتۇر.
[46] پادىشاھ نىبۇكادنەزەر يەرگە باش قويۇپ، دانىيالغا تەزىم قىلدى. پادىشاھ ئادەملىرىگە دانىيالغا يېمەكلىك ھەدىيە قىلىش ۋە ئىسرىق كۆيدۈرۈش پەرمانىنى چۈشۈردى.
[47] ئۇ دانىيالغا: _ راست، سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار ئىلاھلارنىڭ ئىلاھى، پادىشاھلارنىڭ ئىگىسى، سىرلارنىڭ يەشكۈچىسى ئىكەن. چۈنكى بۇ سىرنى پەقەت سەنلا ماڭا يېشىپ بېرەلىدىڭ، _ دېدى.
[48] شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ دانىيالغا يۇقىرى مەرتىۋە بەردى ۋە يەنە ئۇنىڭغا كۆپلىگەن قىممەتلىك نەرسىلەرنى ئىنئام قىلدى. ئۇ دانىيالنى پۈتۈن بابىل ئۆلكىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قويدى، شۇنداقلا بارلىق ھۆكۈمالارنىڭ ئاقساقىلى قىلىپ تەيىنلىدى.
[49] ئۇنىڭدىن باشقا پادىشاھ، دانىيالنىڭ ئىلتىماسى بىلەن شادراك، مېشاك ۋە ئابېدنىگولارنى بابىل ئۆلكىسىنى باشقۇرىدىغان ئەمەللەرگە تەيىنلىدى، دانىيال بولسا پادىشاھنىڭ ئوردىسىدا قالدى.