[1] پېرسىيە پادىشاھى كورەش ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئۈچىنچى يىلى، بېلتىشاززار دەپمۇ ئاتالغان دانىيالغا خۇدادىن بىر ۋەھىي كەلدى. بۇ ۋەھىي راست، لېكىن چۈشىنىش ناھايىتى قىيىن ئىدى. دانىيال غايىبانە ئالامەتلەردىن ئۇنىڭ تەبىرىنى كۆردى.
[2] ئۇ چاغدا مەن دانىيال ئۈچ ھەپتە ھازىداردەك يۈردۈم.
[3] بۇ ئۈچ ھەپتىنىڭ ئىچىدە ئالاھىدە غىزالانمىدىم، گۆش يېمىدىم، شاراب ئىچمىدىم ۋە خۇش پۇراق ماي ئىشلەتمىدىم.
[4] بىرىنچى ئاينىڭ 24-كۈنى، مەن بۈيۈك دەجلە دەرياسىنىڭ بويىدا تۇرۇپ،
[5] يۇقىرىغا قارىغانىدىم، ئۇچىسىغا كەندىر رەختتىن تىكىلگەن لىباس ئارتقان، بېلىگە ساپ ئالتۇن كەمەر باغلىغان بىرسىنى كۆردۈم.
[6] ئۇنىڭ تېنى ياقۇتتەك جۇلالىنىپ، يۈزلىرى چاقماقتەك يالتىراپ تۇراتتى. كۆزلىرى ئوتتەك چاقنايتتى. پۇت-قوللىرى پارقىراق تۇچتەك ۋالىلدايتتى. ئاۋازى بىر توپ ئادەمنىڭ ئاۋازىدەك جاراڭلىق ئىدى.
[7] بۇ غايىبانە ئالامەتنى يالغۇز ئۆزۈملا كۆرگەنىدىم. يېنىمدىكىلەر ھېچنېمە كۆرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنى ۋەھىمە بېسىپ، قېچىپ بېرىپ يوشۇرۇنۇۋالدى.
[8] ئۇ يەردە ئۆزۈم يالغۇز تۇرۇپ، بۇ ئاجايىپ ئالامەتنى كۆردۈم. تېنىم ماغدۇرسىزلىنىپ، چىرايىمنىڭ تاتىرىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. پۇت-قولۇمدا جان قالمىغانىدى.
[9] ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان ھامان ھوشۇمدىن كەتكەندەك بولۇپ، يەرگە دۈم چۈشتۈم.
[10] بىر قول ماڭا تېگىپ، قول ۋە تىزلىرىمدا يۈكۈندۈرۈپ قويدى.
[11] ئۇ ماڭا: _ ئەي دانىيال، خۇدا سېنى ئەزىز كۆرىدۇ! ئورنۇڭدىن تۇرۇپ، سۆزلىرىمنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلا. مەن سېنىڭ يېنىڭغا ئەۋەتىلدىم، _ دېدى. مەن ئۇنىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلاپ، تىترىگەن ھالدا ئورنۇمدىن تۇردۇم.
[12] ئۇ يەنە: _ ئەي دانىيال، قورقما، سەن خۇدايىڭنىڭ ئالدىدا غايىبانە ئالامەتنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىشنى تۆۋەنچىلىك بىلەن تەلەپ قىلغىنىڭدىن باشلاپ، ئۇ دۇئايىڭنى ئاڭلىدى. مەن سېنىڭ ئىلتىجايىڭغا بىنائەن بۇ يەرگە كەلدىم.
[13] لېكىن، پېرسىيە پادىشاھلىقىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان پەرىشتە مېنى 21 كۈن توسۇۋالدى. مەن پېرسىيەدە يالغۇز بولغاچقا، مىكائىل ئىسىملىك بىر باش پەرىشتە ماڭا ياردەم قىلدى.
[14] مەن كەلگۈسىدە خەلقنىڭ بېشىغا كېلىدىغان ئىشلاردىن ساڭا ئالدىن خەۋەر بەرگىلى كەلدىم. بۇ، كەلگۈسى توغرىسىدىكى غايىبانە ئالامەتتۇر، _ دېدى.
[15] ئۇ ماڭا سۆزلەۋاتقاندا، مەن يەرگە تىكىلىپ قارىغىنىمچە زۇۋان سۈرمەي تۇردۇم.
[16] ئادەمگە ئوخشايدىغان بۇ پەرىشتە لەۋلىرىمنى سىلاپ قويدى. مەن ئۇنىڭغا: _ ھەزرىتىم، بۇ غايىبانە ئالامەتتىن ۋۇجۇدۇم تىترەپ، ماجالىم قالمىدى.
[17] پېقىر ھەزرىتىم بىلەن قانداقمۇ سۆزلىشەلەيمەن؟ ماغدۇرۇم تۈگەپ، نەپىسىم ئۈزۈلدى، _ دېدىم.
[18] ئۇ ماڭا يەنە بىر قېتىم قول تەگكۈزۈپ، تېنىمگە ماغدۇر بەردى.
[19] ئۇ ماڭا: _ خۇدا سېنى ئەزىز كۆرىدۇ، قورقما، ئامان بول! چىداملىق، باتۇر بول، _ دېدى. ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ماڭا تېخىمۇ ماغدۇر كىردى. مەن: _ ھەزرىتىم، سىز ماڭا كۈچ-قۇۋۋەت بەردىڭىز، ئەمدى سۆزلەۋېرىڭ! _ دېدىم.
[20] _ يېنىڭغا نېمە ئۈچۈن كەلگەنلىكىمنى بىلەمسەن؟ _ دەپ سورىدى ئۇ مەندىن، _ مەن ساڭا «ھەقىقەت يازمىلىرى» دىكى سۆزلەرنى ئېلىپ كەلدىم. مەن قايتىپ بېرىپ، پېرسىيە پادىشاھلىقىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان پەرىشتە بىلەن جەڭ قىلىمەن. كېيىن يۇنان پادىشاھلىقىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان پەرىشتە مەيدانغا چىقىدۇ. ئىسرائىلىيەنى قوغدايدىغان پەرىشتە مىكائىلدىن باشقا، ماڭا ياردەم بېرىدىغان ھېچكىم يوق.