Skip to content
Opens in a new window

[1] ئاسىيلىققا، چىرىكلىككە ۋە زۇلۇمغا تولغان يېرۇسالېمنىڭ ھالىغا ۋاي!

[2] ئۇ ھېچكىمگە بويسۇنمىدى. ھېچكىمنىڭ تەربىيەسىنى قوبۇل قىلمىدى. ئۇ پەرۋەردىگارغا تايانمىدى، خۇداغا يېقىنلاشمىدى.

[3] ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرى ھۆركىرىگەن شىرلارغا ئوخشايدۇ؛ سوراقچىلىرى بىر تال سۆڭەكنىمۇ ئەتىگە قالدۇرمايدىغان ئاچ بۆرىلەردەكتۇر.

[4] پەيغەمبەرلىرى تەكەببۇر، ھىيلىگەردۇر. روھانىيلىرى ئىبادەتخانىنى بۇلغاپ، خۇدانىڭ قانۇنىنى دەپسەندە قىلىدۇ.

[5] پەرۋەردىگار يەنىلا ئادالەتلىكتۇر، يېرۇسالېم بىلەن بىللىدۇر. ئۇ ئادالەتسىز ئىشلارنى ھەرگىز قىلمايدۇ. ھەر كۈنى ھەقىقەتنى ئۈزۈپ قويماي نامايان قىلسىمۇ، لېكىن ئادالەتسىزلەر نومۇس قىلمايدۇ.

[6] پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «يات خەلقلەرنى يوقاتتىم، ئۇلارنىڭ شەھەر ۋە سېپىل مۇنارلىرىنى گۇمران قىلدىم. ئۇ يەردىن ھېچكىم ئۆتمەيدىغان بولدى. ئۇلارنىڭ شەھەرلىرىنى خارابىگە ئايلاندۇردۇم. كوچىلىرىنى چۆللەشتۈرۈپ، ھېچكىمنى قالدۇرمىدىم.

[7] ئۇ چاغدا ‹خەلقىم چوقۇم مەندىن ئەيمىنىپ، تەربىيەمنى قوبۇل قىلىدۇ. شۇنداق بولغاندا، بېكىتكىنىم بويىچە ئۇلارنىڭ تۇرالغۇلىرىنى ۋەيران قىلىشىمنىڭ زۆرۈرىيىتى قالمايدۇ› دەپ ئويلىغانىدىم. لېكىن ئۇلار يامان ئىشلارغا تېخىمۇ مەپتۇن بولۇپ قالدى.»

[8] پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەمدى مېنى كۈتۈڭلار، مېنىڭ سوراق كۈنۈمنى كۈتۈڭلار! مەن ھەممە ئەللەر ۋە خەلقلەرنى يىغىپ، ئۇلارغا قەھر-غەزىپىمنى چېچىش قارارىغا كەلدىم. پۈتۈن دۇنيا غەزەپ ئوتۇم بىلەن ۋەيران قىلىنىدۇ.»

[9] «كېيىن، پۈتۈن خەلقلەرنىڭ ماڭا بىر نىيەتتە ئىبادەت قىلىپ، بىرلىكتە خىزمەت قىلىشى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرىنى پاكلايمەن.

[10] تارقىتىۋېتىلگەن خەلقىم كۇش دەريالىرىنىڭ قارشى قىرغاقلىرىدىن كېلىپ، ماڭا ھەدىيە تەقدىم قىلىدۇ.

[11] ئەي خەلقىم، ئۇ چاغدا سىلەرنىڭ مەندىن يۈز ئۆرۈگىنىڭلار ئۈچۈن نومۇس قىلىشىڭلارنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ. چۈنكى مەن ئىچىڭلاردىكى تەكەببۇر ۋە ھاكاۋۇرلارنى يوقىتىمەن. سىلەر مېنىڭ مۇقەددەس تېغىمدا قايتا كىبىرلىك قىلمايسىلەر.

[12] مەن ئىچىڭلاردىكى كەمتەر ۋە پېقىر كىشىلەرنى قالدۇرىمەن. ئۇلار مېنىڭ نامىمدىن پاناھلىق ئىزدەيدۇ.

[13] ھايات قالغان ئىسرائىللار يامان ئىشلارنى قىلمايدۇ، يالغان سۆزلىمەيدۇ، ئالدامچىلىق قىلمايدۇ. ئۇلار يەپ-ئىچىپ خاتىرجەم ياشايدۇ، ھېچكىم ئۇلارنى قورقۇتمايدۇ.»

[14] ئەي سىئون قىزى، تەنتەنە قىل، ئەي ئىسرائىل، چۇقان سال! ئەي يېرۇسالېم قىزى، خۇشاللىققا چۆم!

[15] پەرۋەردىگار سېنى جازالاشتىن ياندى! ئۇ سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭنى قوغلاپ چىقاردى. پەرۋەردىگار _ ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھى سەن بىلەن بىللىدۇر، سېنىڭ ئەمدى بالا-قازادىن قورقۇشۇڭ بىھاجەتتۇر.

[16] شۇ كۈنى يېرۇسالېمغا مۇنداق دېيىلىدۇ: «ئەي سىئون، قورقما! قوللىرىڭ بوشىشىپ كەتمىسۇن،

[17] پەرۋەردىگارىڭ خۇدا سەن بىلەن بىللىدۇر، ئۇ قۇدرەتلىك قۇتقۇزغۇچىدۇر. ئۇ سەندىن خۇشال بولۇپ، تەنتەنە قىلىدۇ. ئۇ مۇھەببىتى بىلەن ساڭا تەسەللى بېرىدۇ. ئۇ سەندىن شادلىنىپ، ناخشا ئېيتىدۇ.»

[18] پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر ھېيت قىلالمىغانلىقىڭلاردىن مەيۈسلەنگەنىدىڭلار، سىلەرنى ئەمدى يىغىپ، نومۇستا قالدۇرمايمەن.

[19] شۇ چاغدا مەن سىلەرگە زۇلۇم سالغانلارنىڭ ھەممىسىنى جازالايمەن. ئاجىزلارنى قۇتقۇزۇپ، سۈرگۈندىكىلەرنى يىغىمەن. ئۇلارنىڭ نومۇسىنى شەرەپكە ئايلاندۇرۇپ، نامىنى پۈتۈن دۇنياغا تارقىتىمەن.

[20] ئۇ چاغدا مەن سىلەرنى يىغىپ، يۇرتۇڭلارغا ئاپىرىمەن. ئۇنىڭدىن كېيىن، داڭقىڭلارنى پۈتۈن دۇنياغا تارقىتىمەن. سىلەرنى قايتا گۈللەندۈرۈپ، مەدھىيە ۋە شان-شەرەپكە سازاۋەر قىلىمەن.»

زىفانىيا — Chapters