Skip to content
Opens in a new window

[1] بۇ، زىفانىياغا پەرۋەردىگاردىن كەلگەن ۋەھىيدۇر. زىفانىيا كۇشىنىڭ ئوغلى، كۇش گىداليانىڭ ئوغلى، گىداليا ئاماريانىڭ ئوغلى، ئاماريا خىزكىيانىڭ ئوغلىدۇر. شۇ ۋاقىتتا ئاموننىڭ ئوغلى يوشىيا يەھۇدىيەگە پادىشاھ ئىدى.

[2] پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن يەر يۈزىدىكى ھەممە نەرسىنى سۈپۈرۈپ تاشلايمەن.

[3] ئىنسانلارنى، ھايۋانلارنى، ئاسماندىكى قۇشلارنى، دېڭىزدىكى بېلىقلارنى ھالاك قىلىمەن. رەزىللەرنى يىقىتىمەن. يەر يۈزىدىن ئىنسانلارنى يوق قىلىمەن. بۇنى مەن پەرۋەردىگار جاكارلىدىم.

[4] مەن يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېمدا ياشاۋاتقانلارنى جازالاش ئۈچۈن قول كۆتۈرىمەن. ئىلاھ بائالغا چوقۇنىدىغانلارنىڭ ھەممىسىنى يوق قىلىمەن، بۇتپەرەس روھانىيلار ھېچكىمنىڭ ئېسىدە قالمايدۇ.

[5] ئۆگزىلەرگە چىقىۋېلىپ، كۈن، ئاي ۋە يۇلتۇزلارغا چوقۇنىدىغانلارنى، ماڭا سەجدە قىلىپ، مېنىڭ نامىمدا قەسەم قىلغان تۇرۇقلۇق يەنە ئىلاھ مولەكنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلغانلارنى ھالاك قىلىمەن.

[6] مەندىن ۋاز كەچكەن، مېنى ئىزدىمىگەن، مەندىن مەسلىھەت سورىمىغانلارنى يوق قىلىمەن.»

[7] ئىگىمىز پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا جىم تۇرۇڭلار، چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ سوراق كۈنى كېلىدىغانغا ئاز قالدى. ئۇ ئۆز خەلقىنى قۇربانلىققا تەييارلاپ، قۇربانلىق قىلغۇچىلارنى تاللىدى.

[8] پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ماڭا قۇربانلىق قىلىنىدىغان كۈنى ئەمەلدارلارنى، خان جەمەتىدىكىلەرنى ۋە يات خەلقلەرنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىگە بېرىلگەنلەرنى جازالايمەن.

[9] ئۇ كۈنى بۇتپەرەسلەرنىڭ ئادەتلىرىدەك بوسۇغا ئاتلىغانلارنى ۋە خوجايىنلىرىنىڭ ئۆيلىرىدە زوراۋانلىق ۋە ئالدامچىلىق قىلغانلارنى جازالايمەن.»

[10] پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ كۈنى سىلەر بېلىق دەرۋازىسىدىن يىغا ئاۋازىنى، شەھەرنىڭ يېڭى مەھەللىسىدىن پەرياد ئاۋازىنى ۋە تاغلاردىن گۈلدۈرلىگەن ئاۋازنى ئاڭلايسىلەر.

[11] ئەي بازاردىكى خالايىق، پەرياد قىلىڭلار، چۈنكى پۈتۈن سودىگەرلەر ھالاك بولىدۇ، سېتىقچىلار يوقىتىلىدۇ.

[12] ئۇ چاغدا، مەن يېرۇسالېمنى چىراغ بىلەن يورۇتۇپ، تەكشۈرۈپ چىقىمەن. گۇناھقا پېتىپ ئولتۇرغان بىپەرۋا گۇناھكارلارنى، يەنى ‹خۇدا ياخشىلىقمۇ قىلمايدۇ، يامانلىقمۇ قىلمايدۇ› دېگۈچىلەرنى جازالايمەن.

[13] ئۇلارنىڭ مال-دۇنيالىرى بۇلاڭ-تالاڭغا ئۇچرايدۇ، ئۆيلىرى خارابىلىككە ئايلاندۇرۇلىدۇ. ئۇلار ھېچقاچان ئۆزلىرى سالغان ئۆيلەردە ئولتۇرالمايدۇ. ئۇلارغا ئۆز ئۈزۈمزارلىقىدىن چىققان شارابنى ئىچىش نېسىپ بولمايدۇ.»

[14] پەرۋەردىگارنىڭ چوڭ سوراق كۈنىنىڭ كېلىشىگە ئاز قالدى، ئاز قالدى، ئۇ كۈن ناھايىتى تېزلا كېلىدۇ! ئۇ كۈلپەتلىك بىر كۈندۇر! ئۇ چاغدا ئەڭ باتۇر ئەزىمەتمۇ پەرياد قىلىدۇ!

[15] ئۇ غەزەپ، دەرد-ئەلەم كۈنىدۇر، خاراب بولىدىغان، ۋەيران بولىدىغان كۈندۇر، قاراڭغۇ زۇلمەت ۋە قارا بۇلۇتلار قاپلايدىغان كۈندۇر.

[16] ئۇ، بۇرغىلار چېلىنىپ، چۇقان-سۈرەنلەر سېلىنىپ، مۇستەھكەم شەھەرلەر ۋە ئېگىز مۇنارلارغا ھۇجۇم قىلىنىدىغان كۈندۇر.

[17] پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئىنسانلارغا بالايىئاپەت ئەكېلىپ، ئۇلارنى ئەمالاردەك تىمىسقىلاپ ماڭدۇرىمەن. چۈنكى ئۇلار ماڭا قارشى گۇناھ قىلدى. ئۇلارنىڭ قانلىرى يۇندىدەك تۆكۈلۈپ، جەسەتلىرى چىرىتىلىپ تاشلىنىدۇ.»

[18] پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى كەلگەن كۈنى ئالتۇن-كۈمۈشلىرىمۇ ئۇلارنى قۇتقۇزالمايدۇ. ئۇنىڭ رەشك ئوتى پۈتۈن زېمىننى كۆيدۈرۈپ، يەر يۈزىدىكى ھەممە ئىنسانلارنى دەھشەتلىك ھالدا ھالاك قىلىدۇ.

زىفانىيا — Chapters