[1] ئەي نومۇسسىز خەلق، ئۇيقۇڭنى ئاچ!
[2] ۋاقتىڭلار ساماندەك توزۇپ، بەلگىلەنگەن ۋاقىت يېتىپ كەلمەستە، پەرۋەردىگارنىڭ غەزەپ ئوتى يانماستا، ئۇنىڭ قەھر-غەزەپ كۈنى يېتىپ كەلمەستە ئۇيقۇڭنى ئاچ!
[3] ئەي، پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرلىرىگە كەمتەرلىك بىلەن قۇلاق سالغۇچىلار، پەرۋەردىگارنى ئىزدەڭلار! ئادالەتنى قوغلىشىپ، كەمتەر بولۇڭلار. پەرۋەردىگارنىڭ سوراق كۈنىدە بەلكىم سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىدىن قوغدىلىپ قالىسىلەر.
[4] گازا شەھىرىدە ھېچكىم قالمايدۇ، ئاشقىلون قاقاسلىشىپ كېتىدۇ. ئاشدودلۇقلار چۈشكىچە قوغلاپ چىقىرىلىدۇ. ئەقرون ئاھالىلىرىمۇ شەھەردىن يىلتىزى بىلەن قومۇرۇپ تاشلىنىدۇ.
[5] ئەي دېڭىز بويىدىكى كىرېتلەر، ھالىڭلارغا ۋاي! ئەي كەنئاندا تۇرىدىغان فىلىستىيەلىكلەر، پەرۋەردىگار سىلەر قارشى مۇنداق دەيدۇ: «مەن سىلەرنى ۋەيران قىلىمەن، بىرىڭلارنىمۇ قويماي يوق قىلىمەن.»
[6] دېڭىز بويىدىكى جايىڭلار باياۋانغا ئايلىنىپ، پەقەت مالچىلارنىڭ كەپىلىرى بىلەن قوي قوتانلىرىلا قالىدۇ.
[7] يەر-زېمىنلىرىڭلارنى ئامان قالغان يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەر ئىگىلەيدۇ. ئۇلار ئۇ يەرلەردە قوي بېقىپ، ئاشقىلوندىكى ئۆيلەردە كېچىسى ياتىدۇ. پەرۋەردىگار خۇدا ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ، ئىلگىرىكى پاراۋان ھاياتىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ.
[8] قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن موئابلارنىڭ مەسخىرىلىرى ۋە ئاممونلارنىڭ ھاقارەتلىرىنى ئاڭلىدىم. ئۇلار خەلقىمنى مەسخىرە قىلىپ، زېمىنلىرىنى بېسىۋالىدىغانلىقى ھەققىدە جار سالدى. مەن _ ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا مەڭگۈ مەۋجۇتلۇقۇم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، موئاب جەزمەن سودومدەك، ئاممونلار گومورادەك ۋەيران بولىدۇ. ئۇلارنىڭ يەرلىرىنى شور ۋە چېقىر تىكەن بېسىپ، مەڭگۈلۈك چۆل-باياۋانغا ئايلىنىدۇ. ئامان قالغان خەلقىم ئۇلارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ، زېمىنلىرىنى بېسىۋالىدۇ.»
[10] موئاب ۋە ئاممونلار تەكەببۇرلىشىپ، قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ خەلقىنى مەسخىرە قىلىپ، ھاقارەتلىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار جازاسىنى يەيدۇ.
[11] پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئالاقزادە قىلىۋېتىدۇ. ئۇ، دۇنيادىكى ساختا ئىلاھلارنى يوقىتىدۇ. ئاندىن دۇنيادىكى ھەربىر خەلق ئۆز تۇپرىقىدا ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىدۇ.
[12] پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي كۇشلار، سىلەرمۇ ئۇرۇشتا ئۆلىسىلەر.»
[13] پەرۋەردىگار شىمالدىكى ئاسسۇرىيەگە قارشى قول كۆتۈرۈپ، نىنەۋى شەھىرىنى قاقاس چۆل-باياۋانغا ئايلاندۇرۇۋېتىدۇ.
[14] ئۇ يەر كالا، قوي، ۋە ھەر خىل ھايۋانلارنىڭ ماكانى بولۇپ قالىدۇ. خارابىلىكلەردىكى تۈۋرۈكلەرنى ھۇۋقۇشلار ماكان قىلىپ، دېرىزىلىرىدە ھۇۋلىشىدۇ. قاغىلار بوسۇغىلاردا قاقىلدىشىدۇ. ئىمارەتلەرنىڭ كېدىر ياغاچلىرى قومۇرۇلۇپ كېتىدۇ.
[15] بۇ شەھەرنىڭ ئاقىۋىتى مانا مۇشۇنداق بولىدۇ. بۇ شەھەر: «مەن بۈيۈك شەھەردۇرمەن، مېنىڭ تەڭدىشىم يوقتۇر» دەپ، ماختىنىپ، ئۆزىنى خاتىرجەم ھېس قىلىشىدۇ، بىراق ئۇ قاقاسلىشىپ، ياۋايى ھايۋانلارنىڭ ماكانىغا ئايلىنىدۇ. ئۇ يەردىن ئۆتكەن-كەچكەنلەر قوللىرىنى شىلتىشىپ، مەسخىرە قىلىشىدۇ.