Skip to content
Opens in a new window

[1] دارىئوس پادىشاھ ھاكىمىيەت تۇتقان 2-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى، پەرۋەردىگاردىن ھاگاي پەيغەمبەر ئارقىلىق شىئالتېلنىڭ ئوغلى _ يەھۇدىيەنىڭ باشلىقى زىرۇببابەلگە ۋە يوزاداقنىڭ ئوغلى باش روھانىي يېشۇۋاغا ۋەھىي كەلدى.

[2] قۇدرەت ئىگىسى پەرۋەردىگار شۇنداق دەيدۇكى: «بۇ خەلق پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى قايتىدىن قۇرۇشنىڭ ۋاقىت-سائىتى تېخى يېتىپ كەلمىدى، دەپ يۈرىدۇ.»

[3] پەرۋەردىگاردىن ھاگاي پەيغەمبەر ئارقىلىق يەنە بىر ۋەھىي كەلدى:

[4] «ھازىر ئىبادەتخانام خارابىلىقتا تۇرۇۋاتسا، سىلەرنىڭ ھەشەمەتلىك ئۆيلەردە ئولتۇرىدىغان ۋاقتىڭلارمۇ؟

[5] سىلەر قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى ئويلاپ بېقىڭلار!

[6] سىلەر كۆپ تېرىغان بولساڭلارمۇ، بىراق ئالغان ھوسۇلۇڭلار ئاز بولدى. سىلەر غىزالىنىسىلەر، لېكىن پەقەت تويمايسىلەر. سۇ ئىچىسىلەر، لېكىن يەنىلا ئۇسساپ تۇرىسىلەر. كىيىم كىيىسىلەر، لېكىن پەقەت ئىسسىمايسىلەر. سىلەرنىڭ ئىش ھەققىڭلار خۇددى تۆشۈك ھەميانغا سالغان پۇلدەك يوقاپ كېتىدۇ.

[7] سىلەر بېشىڭلارغا كەلگەن بۇ ئىشلارنىڭ سەۋەبىنى ئويلاپ بېقىڭلار! ئەمدى سىلەر تاغقا چىقىپ، ياغاچ كېسىپ كېلىپ، ئىبادەتخانامنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىڭلار. شۇنىڭدىلا مەن خۇرسەن بولىمەن ھەم شان-شەرەپ تاپىمەن. بۇ، مەن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىدۇر!

[9] سىلەر مول ھوسۇل ئېلىشنى ئۈمىد قىلغانىدىڭلار، بىراق ھوسۇل ئاز چىقتى. ھوسۇلنى ئۆيگە ئېلىپ كەلگىنىڭلاردا، مەن يەنە بەرىكىتىنى ئۇچۇرۇۋەتتىم. نېمە ئۈچۈن؟ مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار شۇنداق دەيمەنكى: چۈنكى سىلەر ئۆز ئۆيۈڭلارنى ياساش بىلەنلا بولۇپ كېتىپ، مېنىڭ ئىبادەتخانام تېخىچە خارابلىقتا تۇرۇۋاتىدۇ.

[10] شۇ سەۋەبتىن، يامغۇر ياغماي، قۇرغاقچىلىق بولۇپ يېرىڭلار ھوسۇل بەرمىدى. مەن ئېتىز ۋە ئېدىرلىقلىرىڭلاردا قۇرغاقچىلىق ئاپىتى بولۇشقا ئەمر قىلدىم. شۇنىڭ بىلەن زىرائەتلىرىڭلارغا، شاراب ۋە زەيتۇن يېغىڭلارغا ۋە يەردىن چىقىدىغان بارلىق ئۆسۈملۈكلەرگە، شۇنداقلا ئادەم ھەم مال-ۋارانلىرىڭلارغىمۇ زىيان يەتتى. ئەمگىكىڭلارمۇ بىكارغا كەتتى.»

[12] بۇ ۋاقىتتا شىئالتېلنىڭ ئوغلى زىرۇببابەل، يوزاداقنىڭ ئوغلى باش روھانىي يېشۇۋا ۋە سۈرگۈندىن قايتىپ كەلگەن بارلىق خەلق، پەرۋەردىگار، يەنى ئۇلار ئۆزلىرى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدادىن كەلگەن بۇ ۋەھىيگە ئەمەل قىلدى. ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ھاگاي پەيغەمبەر ئارقىلىق قىلغان سۆزىنى ئاڭلىغاندا، پەرۋەردىگاردىن قورقۇشقا باشلىدى.

[13] پەرۋەردىگارنىڭ خەۋەرچىسى ھاگاي پەيغەمبەر خەلققە يەنە بۇ ۋەھىينى يەتكۈزۈپ مۇنداق دېدى: «پەرۋەردىگار شۇنداق دەيدۇ: ‹مەن سىلەرگە يار بولىمەن!›»

[14] شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار، شىئالتېلنىڭ ئوغلى _ يەھۇدىيەنىڭ باشلىقى زىرۇببابەل، يوزاداقنىڭ ئوغلى باش روھانىي يېشۇۋا ۋە بارلىق خەلقنىڭ روھىنى ئۇرغۇتتى. ئۇلار ئۆزلىرى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا _ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىشنى باشلىۋەتتى.

[15] بۇ ۋەقە دارىئوس پادىشاھ ھاكىمىيەت تۇتقان 2-يىلى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى بولدى.

ھاگاي — Chapters