Skip to content
Opens in a new window

[1] خاباقۇق پەيغەمبەرنىڭ دۇئاسى: («شىگيونوت» بويىچە ئېيتىلغان)

[2] ئى پەرۋەردىگار، سېنىڭ شۆھرىتىڭنى ئاڭلىدىم، ئەيمىنەرمەن ئۇلۇغۋار ئىشلىرىڭدىن، ئى پەرۋەردىگار. زامانىمىزدا شۇ ئىشلارنى قايتا قىلغايسەن، شۇ ئۇلۇغۋار ئىشلىرىڭنى قايتا كۆرسەتكەيسەن، غەزەپلەنگەندىمۇ رەھىمدىللىكىڭنى ئېسىڭدىن چىقارمىغايسەن.

[3] كۆردۈمكى كەلگەنلىكىنى خۇدانىڭ تېمان زېمىنىدىن، كۆردۈمكى چۈشكەنلىكىنى مۇقەددەس خۇدانىڭ پاران تېغىدىن. سېلاھ ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقى كۆكنى قاپلىدى، تولدى پۈتكۈل يەر-زېمىن ئۇنىڭغا ئېيتىلغان ھەمدۇسانالارغا.

[4] ئۇنىڭ جۇلاسى خۇددى تاڭ نۇرىدەك پارلاق، قۇدرەت يوشۇرۇنغان قولىدىن چېقىلار چاقماق.

[5] قورقۇنچلۇق كېسەللەر يۈرەر ئۇنىڭ ئالدىدا، ۋە ھەم كېلەر ۋابا ئۇنىڭ ئارقىسىدا.

[6] توختىغاندا ئۇ، كېلەر لەرزىگە جاھان، نەزەر سالغىنىدا تىترىشەر خەلق ھامان. بولسىمۇ قەدىمىي تاغلار كۇكۇم-تالقان، تۈزلىنىپ كەتسىمۇ ئەبەدىي داۋان، ئۆزگەرمەس ئۇنىڭ قىلغانلىرى ھامان.

[7] كۆردۈمكى چېدىرلاردىكى غەمگە پاتقان كۇشان قەبىلىسىنى، كۆردۈمكى چېدىرلاردىكى ۋەھىمىدىن تىترىگەن مىديان خەلقىنى.

[8] ئى پەرۋەردىگار، ئاچچىقلانغانمىدىڭ دەريالارغا؟ غەزەپلەنگەنمىدىڭ ئېقىنلارغا؟ ئاتلىرىڭنى مىنىپ، غەلىبىلىك جەڭ ھارۋىلىرىڭنى ھەيدىگىنىڭدە، تاشقانمىدى قەھرىڭ دېڭىزلارغا؟

[9] تۇرار ئوقيايىڭ جەڭگە تەييار، تۇرار ئوقداندا لىق ئوقلار. سېلاھ ئايرىدىڭ تاشقىن بىلەن يەر يۈزىنى،

[10] تەۋرەندى تاغلار كۆرگەندە سېنى. كەلكۈن كېلىپ، سۇلار ئۆركەشلەپ، يەتتى پەلەككە شاۋقۇنلىرى.

[11] چاقنىشىدا ئۇچۇۋاتقان ئوقلىرىڭنىڭ، جۇلاسىدا پارقىراق نەيزەڭنىڭ، توختاپ قالدى كۈن بىلەن ئاي ئەرشتە.

[12] زېمىنغا تاشلىدىڭ قەدەم غەزىپىڭدە، ئېزىپ تاشلىدىڭ ئەللەرنى قەھرىڭدە.

[13] ياق! بەلكى كەلدىڭ ئۆز خەلقىڭنى قۇتقۇزۇشقا، تاللىغىنىڭغا نىجاتلىق بېرىشكە. سەن رەزىللەرنىڭ يول باشلامچىسىنى ئۇردۇڭ، ۋەيران قىلدىڭ پۈتۈنلەي ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنى. سېلاھ

[14] يوقاتتىڭ ئۆز قورالى بىلەن دۈشمەننىڭ سەركەردىسىنى. بوراندەك ئاتلانغانىدى تارقىتىۋېتىشكە ئۇلار بىزنى، كۆرەڭلىگەن بىزنى ئاسان قولغا كېلىدىغان ئولجا دەپ.

[15] ئاتلىرىڭ بىلەن چەيلەپ، چالغىتتىڭ دېڭىزنى، تاشقىنلاتتىڭ دېڭىزدىكى ئۇلۇغ سۇلارنى.

[16] ئاڭلاپ بۇلارنى شۈركۈندى تېنىم. شاۋقۇندىن ھەم تىترىدى لېۋىم. قورقۇنچتىن بوشاپ كەتتى سۆڭەكلىرىم، غال-غال تىترەپ، دەلدەڭشىپ تۇرالماي قالدىم. كۈتەرمەن شۇندىمۇ سەۋرچانلىق بىلەن، بىزگە ھۇجۇم قىلغۇچىلارغا بالايىئاپەت كېلىدىغان كۈنگىچە.

[17] مەيلى مېۋە بەرمىسۇن ئەنجۈر دەرىخى، ياكى يوق بولسۇن تاللاردا ئۈزۈم، مەيلى مېۋە بەرمىسۇن زەيتۇن دەرىخى، ياكى بەرمىسۇن ئېتىزلار ھوسۇل، مەيلى يوقىلىپ كەتسۇن قوتاندىكى قويلار، ۋە ياكى يوقىلىپ كەتسۇن ئېغىلدىكى كالىلار،

[18] شادلىنارمەن يەنىلا پەرۋەردىگاردىن، خۇشاللىق تاپارمەن نىجاتكارىم خۇدادىن.

[19] كۈچ-قۇۋۋىتىمدۇر مېنىڭ ئىگەم پەرۋەردىگار. پۇتلىرىمنى قىلار ئۇ كېيىكنىڭكىدەك، ماڭالارمەن شۇندا مەن ئېگىز تاغلاردا. (تارلىق سازلار تەڭكىشىدە ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان.)

خاباقۇق — Chapters