Skip to content
Opens in a new window

[1] بۇ، خاباقۇق پەيغەمبەرگە كەلگەن ۋەھىيدۇر.

[2] ئى پەرۋەردىگار، قاچانغىچە نالە قىلسام قۇلاق سالارسەن؟ «زوراۋانلىق بولۇۋاتىدۇ!» دەپ چاقىرساممۇ قۇتقۇزمامسەن؟

[3] نېمە ئۈچۈن مېنى شۇنچىۋالا ناھەقچىلىكنى كۆرۈشكە زورلايسەن؟ نېمە ئۈچۈن يامانلىقنى كۆرۈپ تۇرۇپ پەرۋا قىلمايسەن؟ قاياققا قارىسام كۆرگىنىم ۋەيرانچىلىق ۋە زوراۋانلىق، ھەممە يەردە جېدەل-ماجىرا، ئۇرۇش-تالاش.

[4] نەتىجىدە قانۇن كۈچىنى يوقاتقان، ئادالەتمۇ ھەرگىز ئوتتۇرىغا چىقالمىغان. رەزىللەر ھەققانىيلارنى قورشىۋالغان، ئادالەت بۇرمىلانغان.

[5] يات ئەللەرگە قاراپ بېقىڭلار! كۆرگەنلىرىڭلاردىن ھەيران-ھەس قالىسىلەر. مەن سىلەرنىڭ بۇ زامانىڭلاردا بىر ئىش قىلماقچىمەنكى، سىلەر ئاڭلاپمۇ ئىشەنمەيسىلەر.

[6] مانا، مەن رەھىمسىز ۋە قىزىققان بابىل خەلقىنى كۈچەيتمەكچىمەن. ئۇلار جاھانغا يۈرۈش قىلىپ، باشقىلارنىڭ ماكانلىرىنى ئىگىلىۋالىدۇ.

[7] ئۇلار قورقۇنچلۇق، ۋەھشىي خەلقتۇر. ئۇلار ئىنتايىن ھاكاۋۇر بولۇپ، ئۆز ئالدىغا پەتىۋا چىقىرىشىدۇ.

[8] ئۇلارنىڭ ئاتلىرى يىلپىزدىن چاققان، گۇگۇمدىكى ئاچ بۆرىدىن ھوشياردۇر. ئۇلارنىڭ ئاتلىقلىرى يىراقتىن چېپىشىپ كېلىپ، ئولجىنى قاماللاش ئۈچۈن خۇددى بۈركۈتتەك شۇڭغۇپ چۈشىدۇ.

[9] ئۇلارنىڭ ھەممىسى زوراۋانلىق قىلىش ئۈچۈنلا كېلىدۇ. قوشۇنلار خۇددى قۇملۇقتىكى بوراندەك باستۇرۇپ كېلىپ، قۇمدەك ھېسابسىز كىشىلەرنى ئەسىر ئالىدۇ.

[10] ئۇلار پادىشاھلارنى مەسخىرە قىلىپ، ھۆكۈمدارلارنى زاڭلىق قىلىدۇ. ئۇلار شەھەر سېپىللىرىنى كۆرۈپ كۈلۈشۈپ كېتىدۇ، ئۇلار توپا دۆۋىسى ياساپ سېپىلغا چىقىپ، شەھەرلەرنى ئىشغال قىلىدۇ.

[11] ئۇلار شىددەتلىك بوراندەك تېز كېلىپ تېز ئۆتۈپ كېتىدۇ، ئۇلار ئۆز كۈچىنى «ئىلاھ» دەپ بىلگەن گۇناھكارلاردۇر.

[12] ئى پەرۋەردىگار، مۇقەددەس خۇدايىم، سەن ئەزەلدىن بار خۇداسەن! شۇنداق ئىكەن بىز يوقالمايمىز. ئى پەرۋەردىگار، سەن ئۈستىمىزدىن ھۆكۈمىڭنى يۈرگۈزۈشكە بابىللىقلارنى تەيىنلىدىڭ. ئى خۇدا، سەن مۇستەھكەم قورام تاشتۇرسەن، سەن بابىللىقلارنى بىزنى جازالاشقا تىكلىدىڭ.

[13] لېكىن كۆزلىرىڭ شۇنچە پاككى، رەزىللىككە قاراپ تۇرالمايسەن، سەن يامانلىققا چىداپ تۇرالمايسەن. شۇنداق ئىكەن سەن نېمە ئۈچۈن بۇ مەككارلارغا چىداپ تۇرىسەن؟ رەزىللەر ئۆزلىرىدىن ھەققانىيراق ئادەملەرنى يۇتۇۋاتسا، نېمىشقا جىم تۇرىسەن؟

[14] سەن خەلقلەرنى دېڭىزدىكى بېلىقلاردەك قىلىپ قويدۇڭ، باشلامچىسى يوق دېڭىز مەخلۇقلىرىدەك قىلىپ قويدۇڭ.

[15] بابىللىقلار قارماق بىلەن ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى تۇتىدۇ، ئۇلارنى تور تاشلاپ سۈزۈۋالىدۇ، يايما تور تاشلاپ يىغىۋالىدۇ، ئۇلار خۇشاللىقىدىن شادلىنىدۇ.

[16] شۇنداق قىلىپ ئۇلار ئۆز تورىغا چوقۇنۇپ، ئۇنىڭغا قۇربانلىق قىلىدۇ. يايما تورىغا كۈجە كۆيدۈرىدۇ. چۈنكى ئۇلار بۇ تورلىرى بىلەن ھەشەمەتلىك ياشايدۇ، ئۇلارنىڭ تائاملىرى ناھايىتى مولدۇر.

[17] ئۇلار قاچانغىچە توختىماستىن تورىنى تاشلاپ، خەلقلەرنى داۋاملىق رەھىمسىزلەرچە قىرغىن قىلىدۇ؟

خاباقۇق — Chapters