Skip to content
Opens in a new window

[1] مەن كۆزىتىش مۇنارىدا تۇرۇپ كۆزەتچىلىك قىلىمەن، سېپىلدا تۇرۇپ قاراۋۇللۇق قىلىمەن. پەرۋەردىگارنىڭ ماڭا نېمە دەپ جاۋاب بېرىشىنى كۈتۈپ قاراپ تۇرىمەن، شۇندىلا ئۇنىڭغا قىلغان شىكايەتلىرىم توغرىسىدا قانداق جاۋاب بېرىشنى بىلەلەيمەن.

[2] پەرۋەردىگار ماڭا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «ساڭا ئايان قىلغان سۆزلىرىمنى يېزىۋال! ئۇنى تاش تاختىغا ئېنىق قىلىپ پۈتكىن! خەۋەرچى يۈگۈرۈپ كېتىۋېتىپ، ئۇنى ئاسان ئوقۇپ، جاكارلىيالايدىغان بولسۇن!

[3] چۈنكى بۇ ۋەھىي بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ئەمەلگە ئاشىدۇ، ئۇنىڭ ئەمەلگە ئېشىش ۋاقتى تېزلا كېلىدۇكى، ھەرگىز يالغان بولۇپ چىقمايدۇ. گەرچە ئاستا كېلىۋاتقاندەك بىلىنسىمۇ، سەۋر قىلىپ كۈتكىن. ئۇ جەزمەن ئەمەلگە ئاشىدۇكى، ھەرگىز كېچىكتۈرۈلمەيدۇ.

[4] سۆزلىرىم شۇكى: ئۆزىنى چوڭ تۇتقان ئادەمنىڭ قەلبى رەزىللىشىپ كەتكەن بولىدۇ. لېكىن ھەققانىيلار خۇداغا بولغان ساداقەتمەنلىكى بىلەن ياشايدۇ.

[5] ھاراق بابىلغا خائىنلىق قىلىدۇ. ئۇ ھاكاۋۇرلۇقىدىن ھېچقاچان جىم تۇرالمايدۇ. ئۇ خۇددى جەسەتكە تويماس گۆرگە، ياكى ئۆلۈكلەر ماكانىغا ئوخشاش ئاچ كۆزدۇر، ئۇ ئەللەرنىڭ ھەممىسىنى يىغىپ، بارلىق خەلقلەرنى ئەسىرگە ئالىدۇ.

[6] لېكىن بۇ ئەللەر بابىللىقلارنى مەسخىرە ۋە تەنە گەپلەر بىلەن مازاق قىلىپ، مۇنداق دەيدۇ: ‹ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي، مال-دۇنيا ئوغرىلاپ، دۆۋىلىگەنلەر! ئالدامچىلىق بىلەن بېيىغانلار! بۇ قىلمىشىڭلار قاچانغىچە داۋاملىشار؟›

[7] قەرزدارلار توساتتىنلا قوزغالماسمۇ؟ ئۇلارنىڭ قوزغىلىشى سىلەرنى شۈركەندۈرمەسمۇ؟ ئۇ چاغدا سىلەر ئۇلارنىڭ ئولجىسى بولىسىلەر.

[8] چۈنكى سىلەر نۇرغۇن ئەللەرنى تالان-تاراج قىلدىڭلار، شۇڭا ئۇلارنىڭ ھايات قالغانلىرى ئەمدى سىلەرنىمۇ تالان-تاراج قىلىدۇ. چۈنكى سىلەر كىشىلەرنىڭ قېنىنى تۆكۈپ، ئۇلارنىڭ زېمىن ۋە شەھەرلىرىنى پۇقرالىرى بىلەن قوشۇپ ھالاك قىلدىڭلار.

[9] ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي ناھەق يول بىلەن پۇل تېپىپ، ئۆيىنى مال-دۇنياغا تولدۇرغانلار! زىيان-زەخمەتتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۇۋىسىنى ئېگىز يەرگە قۇرغانلار!

[10] ئۆز سۇيىقەستلىرىڭلار ئۆز نامىڭلارغا داغ چۈشۈرىدۇ، سىلەر نۇرغۇن خەلقلەرنى يوقاتقانلىقىڭلار ئۈچۈن، ئۆزۈڭلارغا ھالاكەت ئېلىپ كېلىسىلەر.

[11] ئۆيۈڭلارنىڭ تېمىدىكى تاشلار سىلەرگە قارشى توۋلىشار، تورۇستىكى ياغاچ لىملارمۇ سىلەرگە ئەكس-سادا قايتۇرار.

[12] ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي قان تۆكۈش بەدىلىگە شەھەر قۇرغانلار، رەزىللىك بىلەن شەھەر بەرپا قىلغانلار!

[13] قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئىنسانلارنىڭ بايلىقىنىڭ ئوتقا ئوتۇن بولىدىغانلىقىنى، ئەللەرنىڭ بىھۇدە مېھنەت قىلىپ ھالىدىن كېتىدىغانلىقىنى ئىرادە قىلغان ئەمەسمۇ؟

[14] خۇددى سۇلار دېڭىزنى تولدۇرغاندەك، پۈتۈن يەر يۈزى پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى بىلىش بىلەن تولدۇرۇلىدۇ.

[15] ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي قوشنا ئەللەرگە ھاراق ئىچكۈزگەنلەر! سىلەر ئۇلارنىڭ يالىڭاچ ھالىتىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئۇلارغا تۇلۇملاپ ھاراق ئىچكۈزىسىلەر.

[16] سىلەر شان-شەرەپگە ئېرىشمەستىن، بەلكى شەرمەندىلىكتە قالىسىلەر. ئىچىش! سەنلەرنىڭ خەتنىسىزلىكىڭلار ئاشكارىلانسۇن! پەرۋەردىگارنىڭ ئوڭ قولىدىكى ئازابقا تولغان قەدەھتىكى شارابنى ئىچىش نۆۋىتى سەنلەرگە كەلدى. شان-شەرىپىڭلار شەرمەندىلىككە ئايلىنىدۇ.

[17] سىلەر لىۋان ئورمانلىقلىرىنى كېسىپ تاشلىغان بولساڭلار، ئەمدى ئۆزۈڭلارمۇ شۇنداق كېسىپ تاشلىنىسىلەر! ھايۋانلارنى قىينىغان بولساڭلار، ئەمدى سىلەرمۇ ۋەھىمىگە چۈشىسىلەر! چۈنكى سىلەر كىشىلەرنىڭ قېنىنى تۆكۈپ، زېمىن ۋە شەھەرلىرىنى پۇقرالىرى بىلەن قوشۇپ ھالاك قىلدىڭلار.

[18] بۇتنىڭ قولىدىن نېمە ئىش كەلسۇن؟ ئۇنى ئادەم ئويۇپ چىققانغۇ! يالغانچىلىققا ئىشەندۈرىدىغان قۇيما بۇتلارنىڭمۇ نېمە پايدىسى بار؟ ئۆزى ياسىۋالغان، گەپ قىلالمايدىغان بۇتقا چوقۇنۇش نېمىدېگەن ئەخمەقلىق-ھە!

[19] ياغاچقا: ‹ئويغان!›، جانسىز تاشقا: ‹تۇر!› دېگۈچىلەرنىڭ ھالىغا ۋاي! بۇ بۇتلار سىلەرگە يول كۆرسىتەلەمدۇ؟ قاراپ بېقىڭلارچۇ، گەرچە ئۇنىڭ سىرتى ئالتۇن-كۈمۈش بولسىمۇ، ئۇ بىر جانسىز نەرسىغۇ!

[20] پەرۋەردىگار بولسا ئۆزىنىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخانىسىدىدۇر، پۈتكۈل جاھان ئۇنىڭ ئالدىدا شۈك بولسۇن.»

خاباقۇق — Chapters