[1] بۇ ئوبادىياغا كەلگەن ۋەھىيدۇر. بۇ، ئىگىمىز پەرۋەردىگارنىڭ ئىدوم خەلقى توغرىسىدا ئېيتقانلىرىدۇر. پەرۋەردىگار ئەللەرگە ئەلچى ئەۋەتىپ، ئۇلار ئارقىلىق: «ئىدومغا قارشى ئۇرۇش قىلىشقا تەييارلىنىڭلار!» دېگەن. بىز بۇ خەۋەرنى ئاڭلىدۇق.
[2] پەرۋەردىگار ئىدوم خەلقى توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: «ئاڭلاڭلار! مەن ئەمدى سىلەرنى خەلقلەرنىڭ ئارىسىدىكى ئاجىز خەلق قىلىپ قويىمەن. سىلەر پۈتۈنلەي نەزەردىن چۈشۈپ كېتىسىلەر.
[3] تەكەببۇرلۇقۇڭلار سىلەرنى ئالدايدۇ. سىلەرنىڭ پايتەختىڭلار قىيادىكى قورغاندۇر، ئۆيۈڭلار بولسا ئېگىز تاغدىدۇر. شۇڭا سىلەر كۆڭلۈڭلەردە: ‹كىم بىزنى بۇ يەردىن تارتىپ چۈشۈرەلەيدۇ؟› دەيسىلەر.
[4] لېكىن سىلەر بۈركۈتتىن ئېگىز ئۇچۇپ، يۇلتۇزلار ئارىسىغا ئۇۋا سالساڭلارمۇ، مەن يەنىلا سىلەرنى تارتىپ چۈشۈرەلەيمەن.
[5] كېچىسى ئۆيگە ئوغرى كىرسە، ئۆيدىكى ھەممە نەرسىنى ئېلىپ كەتمەيدىغۇ، كىشىلەر ئۈزۈملەرنى يىغقاندا، ئازراق قالدۇرۇپ قويىدىغۇ، لېكىن سىلەرنىڭ دۈشمىنىڭلار سىلەرنى پۈتۈنلەي يوقىتىۋېتىدۇ.
[6] ئەي، ئەساۋنىڭ ئەۋلادلىرى، سىلەر پۈتۈنلەي تالان-تاراج قىلىنىسىلەر! يوشۇرۇپ قويغان بايلىقىڭلار تېپىۋېلىنىدۇ ۋە ئېلىپ كېتىلىدۇ.
[7] سىلەرنىڭ بارلىق ئىتتىپاقدىشىڭلار سىلەرنى ئۆز زېمىنىڭلاردىن قوغلىۋېتىدۇ، سىلەر بىلەن تىنچ ئۆتكەن كىشىلەر سىلەرنى ئالداپ مەغلۇپ قىلىدۇ، سىلەر بىلەن بىللە غىزالانغان كىشىلەر سىلەرگە تۇزاق قۇرىدۇ، سىلەر غەپلەت ئىچىدە قېلىپ ھېچنېمىنى بىلمەيسىلەر.»
[8] بۇ ۋاقىتتا، پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئىدومنىڭ دانىشمەنلىرىنى ھەمدە ئەساۋنىڭ تاغلىرىدىن كەلگەن مەسلىھەتچىلەرنى يوقىتىمەن!
[9] ئەي تېمان شەھىرى، سېنىڭ لەشكەرلىرىڭ ھودۇقۇپ كېتىدۇ. ئەساۋنىڭ تاغلىرىدىكى خەلقنىڭ ھەممىسى قىرغىن قىلىنىدۇ!
[10] ئەي ئىدوم، ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىغا، يەنى تۇغقانلىرىڭغا زوراۋانلىق قىلغانلىقىڭ ئۈچۈن ئىزا-ئاھانەتكە قالىسەن، ھەمدە مەڭگۈلۈككە ۋەيران قىلىنىسەن.
[11] ئۇلار تاجاۋۇزغا ئۇچرىغاندا، سەن ئۇلارغا ياردەم قىلماي، يىراق تۇرىۋالدىڭ. ياتلار يېرۇسالېمدىكى بايلىقنى تالىشىپ چەك تاشلاپ، تالان-تاراج قىلغاندا، سەن خۇددى ئىسرائىللارنىڭ بىر دۈشمىنىگە ئوخشاپ قالدىڭ.
[12] تۇغقانلىرىڭ بەختسىزلىككە ئۇچرىغان كۈندە ئۇلارنىڭ بەختسىزلىكىدىن خۇشال بولماسلىقىڭ كېرەك ئىدى. يەھۇدىيە خەلقى ۋەيران بولغان كۈندە شادلانماسلىقىڭ كېرەك ئىدى. ئۇلار بەختسىزلىككە يولۇققان كۈندە مەسخىرە قىلماسلىقىڭ كېرەك ئىدى.
[13] مېنىڭ خەلقىم بالا-قازاغا ئۇچرىغان كۈندە، سەن ئۇلارنىڭ شەھىرىگە كىرمەسلىكىڭ كېرەك ئىدى. ئۇلار بالا-قازاغا ئۇچرىغان كۈندە، سەن خۇشال بولماسلىقىڭ كېرەك ئىدى. ئۇلار بالا-قازاغا ئۇچرىغان كۈندە، سەن ئۇلارنىڭ بايلىقلىرىنى بۇلىماسلىقىڭ كېرەك ئىدى.
[14] سەن تۆت كوچىنىڭ ئېغىزىدا تۇرۇۋېلىپ، قېچىۋاتقانلارنى قىرماسلىقىڭ كېرەك ئىدى. ئۇلار ۋەيران بولغان كۈندە، سەن ئۇلارنى دۈشمەنلەرگە تۇتۇپ بەرمەسلىكىڭ كېرەك ئىدى.»
[15] «مەن پەرۋەردىگارنىڭ پۈتكۈل ئەللەرنى سوراققا تارتىدىغان كۈنى يېقىنلاشماقتا! ئەي ئىدوم، سەن قىلمىشىڭغا يارىشا جازالىنىسەن! رەزىللىكىڭ ئۆز بېشىڭغا چۈشىدۇ!
[16] مېنىڭ خەلقىم مۇقەددەس تېغىمدا جازا شارابىنى تولۇق ئىچىۋەتتى، ئەمدە سەن ۋە ئەتراپىڭدىكى ئەللەرمۇ بۇ جازا شارابىنى تولۇق ئىچىۋېتىسىلەر. شۇنداق، سىلەر جازا شارابىنى ئىچىۋېتىسىلەر. سىلەر خۇددى ھېچقاچان مەۋجۇت بولۇپ باقمىغاندەك يوقاپ كېتىسىلەر.
[17] لېكىن سىئون تېغى قاچقانلارنىڭ پاناھلىنىدىغان جايىغا ئايلىنىدۇ، ئۇ بىر مۇقەددەس زېمىن بولىدۇ. ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى قايتىپ كېلىپ، ئۆز زېمىنىغا ئىگە بولىدۇ.
[18] ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى ئوتقا ئوخشاش بولىدۇ. يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرى يالقۇنغا ئوخشاش بولىدۇ. لېكىن ئەساۋنىڭ ئەۋلادلىرى پاخالغا ئوخشاش بولىدۇ. ئۇلار كۆيۈپ كېتىپ، پۈتۈنلەي يوقىلىدۇ. ئەساۋنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ھېچكىم قالمايدۇ.» بۇ، پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.
[19] كېيىن، نەگېب چۆللۈكىدە ياشىغان خۇدانىڭ خەلقى ئىدوم تاغلىرىنى قايتىدىن ئىگىلەيدۇ. غەربىي ئېدىرلىقلاردا ياشىغانلار فىلىستىيەلىكلەرنىڭ زېمىنىنى ئىگىلەيدۇ. ئۇلار ئەفرايىم ۋە سامارىيە زېمىنلىرىنى ئىگىلەيدۇ. بىنيامىنلەر گىلئاد زېمىنىنى ئىگىلەيدۇ.
[20] سۈرگۈن قىلىنغان ئىسرائىل خەلقى ئۆز زېمىنىغا قايتىپ كېلىدۇ، ئۇلار فېنىكىيە زېمىنىنىڭ زارىفات شەھىرىگىچە بولغان جايلارنى ئىگىلەيدۇ. يېرۇسالېمدا تۇتقۇن قىلىنىپ، سىفاراد شەھىرىدە سەرگەردان بولۇپ يۈرگەنلەر قايتىپ كېلىدۇ، ئۇلار نەگېب چۆللۈكىدىكى شەھەرلەرنى ئىگىلەيدۇ.
[21] ئۇلار غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، سىئون تېغىغا كېلىپ، ئىدوم تاغلىرىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. پادىشاھلىق پەرۋەردىگارغا مەنسۇپ بولىدۇ.