[1] «مانا، ئەمدى مەن پەرۋەردىگار ئۆز ئەلچىمنى ئەۋەتىمەن. ئۇ ماڭا يول ھازىرلايدۇ. ئاندىن سىلەر تەلمۈرۈۋاتقان ئىگەڭلار، يەنى سىلەر تۆت كۆز بىلەن كۈتۈۋاتقان، ئەھدە خەۋىرىنى يەتكۈزگۈچى ئەلچىم توساتتىن ئۆز ئىبادەتخانىسىغا كېلىدۇ، ئۇ چوقۇم كېلىدۇ!» دېدى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار.
[2] «ئەمما ئۇ كەلگەندە كىممۇ بەرداشلىق بېرەلەيدۇ؟ ئۇ زاھىر بولغاندا، كىممۇ ئۇنىڭ ئالدىدا دەس تۇرالايدۇ؟ چۈنكى ئۇ كۈمۈش تاۋلايدىغان ئوتقا ئوخشايدۇ، ئۇ كىرلەرنى يۇيۇپ ئاقارتىۋېتىدىغان كۈچلۈك سوپۇنغا ئوخشايدۇ.
[3] ئۇ كۈمۈشنى ئوتتا تاۋلاپ ئەخلىتىدىن ئايرىيدىغان ئادەمگە ئوخشاش، ئۇ لاۋىيلارنىمۇ ئالتۇن-كۈمۈش تاۋلىغاندەك تاۋلاپ پاكلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مەن پەرۋەردىگارغا، مەن قوبۇل قىلالايدىغان ھەدىيەلەرنى سۇنالايدۇ.
[4] ئاندىن بۇرۇنقىدەك، يەھۇدا ۋە يېرۇسالېملىقلارنىڭ سۇنغان ھەدىيەلىرى مەن پەرۋەردىگارنى خۇرسەن قىلىدىغان بولىدۇ.
[5] شۇ چاغدا مەن سىلەرنى سوراققا تارتىمەن، مەندىن قورقمايدىغان بارلىق باخشىلار، زىناخورلار، ساختا گۇۋاھچىلار، ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىگە قارا سانايدىغانلار، تۇل خوتۇن، يېتىم-يېسىرلارنى خورلايدىغانلار ۋە مۇساپىرلارنى بوزەك قىلىدىغانلاردىن ھېساب ئالىمەن. مانا بۇلار مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىدۇر».
[6] «مەن پەرۋەردىگار ئۆزگەرمەستۇرمەن. شۇ سەۋەبتىن ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان سىلەر ۋەيران قىلىنمىدىڭلار.
[7] سىلەر ئەجدادىڭلار زامانىدىن تارتىپ مېنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىمدىن چەتنەپ، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىشتىن باش تارتىپ كەلدىڭلار. ئەمدى سىلەر مېنىڭ يولۇمغا قايتىپ كېلىڭلار، مەنمۇ سىلەرگە قايتا يار بولاي. بىراق سىلەر: ‹بىز ئەزەلدىن چەتنەپ كەتمىگەن تۇرساق، قانداق قايتىمىز؟› دەپ سورايسىلەر.
[8] ئادەم خۇداغا خىيانەت قىلالامدۇ؟ دەرھەقىقەت سىلەر ماڭا خىيانەت قىلدىڭلار. بىراق سىلەر: ‹بىز قانداقلارچە ساڭا خىيانەت قىلالايمىز؟› دەپ سورايسىلەر. سىلەر ماڭا تېگىشلىك بولغان ئوندىن بىر ئۈلۈشكە ۋە ھەدىيەلەرگە خىيانەت قىلدىڭلار.
[9] پۈتۈن خەلقىڭلار ماڭا خىيانەت قىلغانلىقىدىن، سىلەرگە لەنەت ياغىدۇ.
[10] ئوندىن بىر ئۈلۈشنىڭ ھەممىسىنى ئىبادەتخانا ئامبىرىغا ئەكېلىڭلار، شۇنىڭدا ئىبادەتخانامدا يېتەرلىك ئاشلىق بولىدۇ. بۇ ئىشتا مېنى _ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنى سىناڭلار! مېنىڭ سىلەر ئۈچۈن جەننەتنىڭ دەرۋازىلىرىنى ئېچىپ، سىلەرگە مول بەخت-سائادەت ياغدۇرغانلىقىمنى كۆرىسىلەر.
[11] مەن زىرائەتلىرىڭلارنى زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ ۋەيران قىلىشىدىن قوغدايمەن. سىلەرنىڭ ئۈزۈملىرىڭلار پىشقۇچە چۈشۈپ كەتمەي ساپىقىدا تۇرىدۇ» دېدى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار.
[12] «زېمىنىڭلارنىڭ مۇنبەتلىكىدىن بارلىق مىللەتلەر سىلەرگە ‹بەخت قونۇپتۇ› دېيىشىدۇ! مانا بۇلار مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىدۇر.»
[13] پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر ئۈستۈمدىن يامان گەپ قىلدىڭلار. ئەمما سىلەر مەندىن: ‹بۇ نېمە دېگىنىڭ؟ بىز ساڭا قانداق يامان گەپ قىپتۇق؟› دەپ سورايسىلەر.
[14] سىلەر يەنە: ‹خۇداغا خىزمەت قىلىش بىھۇدە، بىز ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە ئىتائەت قىلىپ، ياكى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ھەسرەت چېكىپ، گۇناھلىرىمىزغا توۋا قىلىپ نېمىگە ئېرىشتۇق؟
[15] ھازىر تەكەببۇرلار بەخت تېپىپ، يامانلىق قىلغۇچىلار گۈللەپ ياشناۋاتىدۇ. ئۇلار خۇدانى سىناپ تۇرۇپ يەنە قېچىپ قۇتۇلدىغۇ!› دەيسىلەر.»
[16] پەرۋەردىگارغا ئىخلاسمەنلەر بۇ ئىشلار توغرىسىدا ئۆزئارا پاراڭلاشتى. پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى قۇلاق سېلىپ ئاڭلىدى. پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا ئۇنىڭ ئىخلاسمەنلىرىنىڭ ۋە ئۇنىڭ نامىنىڭ شان-شەرىپىنى ئىزدىگۈچىلەرنىڭ ئىسمى ئورالما پۈتۈككە رويخەت قىلىپ پۈتۈلگەندۇر.
[17] قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار شۇنداق دەيدۇكى: «مەن ھۆكۈمۈمنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان كۈندە ئۇلار ماڭا مەنسۇپ بولۇپ، مېنىڭ قىممەتلىك ئۆز خەلقىم بولىدۇ. خۇددى ئاتا ئۆزىنىڭ ئىتائەتلىك بالىسىغا رەھىم قىلغاندەك، مەنمۇ ئۇلارغا رەھىم قىلىمەن.
[18] شۇ چاغدا سىلەر مېنىڭ ھەققانىي ئادەم بىلەن رەزىل ئادەمنى، ماڭا خىزمەت قىلغان ئادەم بىلەن قىلمىغان ئادەمنى پەرقلەندۈرىدىغانلىقىمنى بىلىپ قالىسىلەر.»