Skip to content
Opens in a new window

[1] قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار شۇنداق دەيدۇكى: «ئەي روھانىيلار، بۇ سىلەرگە بېرىلگەن ئەمر. ئەگەر ماڭا قۇلاق سالمىساڭلار ۋە مېنىڭ نامىمنى ھۆرمەتلەشنى چىن قەلبىڭلارغا پۈكمىسەڭلار، مەن سىلەرگە لەنەت ياغدۇرىمەن، بەرىكەتلىرىڭلارغا لەنەت ياغدۇرىمەن. دەرۋەقە شۇنداق قىلدىم، چۈنكى سىلەر نامىمنى ھۆرمەتلەشنى چىن قەلبىڭلارغا پۈكمىدىڭلار.

[3] مەن سىلەرنىڭ ئەۋلادىڭلارنى جازالايمەن ۋە سىلەرنىڭ ھېيتلاردا قىلغان قۇربانلىقىڭلارنىڭ مەينەتچىلىكلىرىنى يۈزۈڭلارغا سۈركەيمەن، شۇنداقلا سىلەرنى شۇ مەينەتچىلىكلەر بىلەن بىرگە تاشلىۋېتىمەن.

[4] شۇنىڭدا سىلەر مېنىڭ لاۋىيلار بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنى داۋاملاشتۇرۇش توغرىسىدا قىلغان ئەمرىمنىڭ مەقسىتىنى بىلىپ قالىسىلەر. مانا بۇ مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىدۇر!»

[5] «لاۋىيلار بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنىڭ مەقسىتى ھاياتلىق ۋە ئامانلىقنى ئاتا قىلىش بولۇپ، دەرۋەقە مەن ئۇنى ئۇلارغا ئاتا قىلدىم. بۇ ئەھدەمدە ئۇلارنىڭ مېنى ھۆرمەتلىشى تەلەپ قىلىنغانىدى. ئۇلار ماڭا ئىخلاسمەن بولدى ۋە مېنى ھۆرمەتلىدى.

[6] ئۇلار خەلققە ھەقىقەتنى ئۆگەتتى، ئۇلارنىڭ ئاغزىدىن ناتوغرا سۆزلەر چىقمىدى. ئۇلار ئىناقلىق ۋە دۇرۇسلۇق يولىدا مەن بىلەن بىللە ماڭدى. ئۇلار نۇرغۇن كىشىلەرنى گۇناھ يولىدىن قايتۇرۇپ كەلدى.

[7] روھانىيلارنىڭ ئاغزىدىن چىققان تەلىم پەرۋەردىگارنىڭ ھەقىقىتىنى ساقلاپ قېلىشى كېرەك. خەلق ئۇلارنى ئىزدەپ، ئۇلاردىن ساۋاق ئېلىشى لازىم، چۈنكى ئۇلار قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئەلچىلىرىدۇر.

[8] بىراق سىلەر روھانىيلار ھازىر پەرۋەردىگارنىڭ يولىدىن چەتنەپ كەتتىڭلار. سىلەرنىڭ تەلىملىرىڭلار نۇرغۇن كىشىلەرنى گۇناھ يولىغا كىرگۈزۈپ قويدى. سىلەر مېنىڭ لاۋىيلار بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنى بۇزدۇڭلار» دېدى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار.

[9] پەرۋەردىگار يەنە: «مەن سىلەرنى پۈتۈن خەلق ئالدىدا كەمسىتىلىشكە ۋە خارلىققا دۇچار قىلدىم. چۈنكى سىلەر مېنىڭ يولۇمدا ماڭماي، كىشىلەرگە تەلىم بەرگىنىڭلاردا ئايرىمىچىلىق قىلدىڭلار.» دېدى.

[10] ھەممىمىزنىڭ خۇدائاتىمىز بىر ئەمەسمۇ؟ ھەممىمىزنى خۇدا ياراتقان ئەمەسمۇ؟ شۇنداق تۇرۇقلۇق بىز نېمە ئۈچۈن بىر-بىرىمىزنى ئالداپ، ئەجدادلىرىمىزنىڭ خۇدا بىلەن تۈزگەن ئەھدىسىنى بۇزىمىز؟

[11] يەھۇدىيە خەلقى پەرۋەردىگارغا سەمىمىيەتسىزلىك قىلدى. ئۇلار ئىسرائىلىيەدە، ھەتتا يېرۇسالېمدا يىرگىنچلىك گۇناھ ئۆتكۈزدى. ئۇلار بۇتلارغا چوقۇنىدىغان ئاياللار بىلەن توي قىلىپ، پەرۋەردىگار ياخشى كۆرىدىغان ئىبادەتخانىنى بۇلغىدى.

[12] شۇنداق ئىش قىلغانلارنى، ئۇ كىم بولۇشىدىن ھەم قانداق ھەدىيە سۇنۇشىدىن قەتئىينەزەر پەرۋەردىگار ئىسرائىل جامائىتىدىن يوقاتقاي.

[13] سىلەر يەنە شۇنداق ئىش قىلىۋاتىسلەر، سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ قوربانلىق سۇپىسىنى كۆز-يېشىڭلارغا چىلاۋاتىسىلەر، ئۈن سېلىپ، ئۆكسۈپ يىغلاۋاتىسىلەر. چۈنكى پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ ھەدىيەلىرىڭلارغا قاراپمۇ قويمايۋاتىدۇ ۋە ئۇنى قوبۇل قىلمايۋاتىدۇ.

[14] سىلەر يەنە: «پەرۋەردىگار نېمە ئۈچۈن بىزنىڭ ھەدىيەلىرىمىزنى قوبۇل قىلمايدىغاندۇ؟» دەپ سورايسىلەر. پەرۋەردىگار ياشلىق چېغىڭلاردا ئايالىڭلارغا قىلغان قەسىمىڭلەرگە گۇۋاھتۇر. چۈنكى نىكاھلىنىپ ئالغان ھەمراھىڭ ساڭا ساداقەتمەن بولسىمۇ، ئەمما سەن ئۇنىڭغا ساداقەتسىزلىك قىلدىڭ.

[15] پەرۋەردىگار سېنى ۋە ئايالىڭنى بىر تەن، بىر جان قىلمىغانمىدى؟ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتە سىلەر پەرۋەردىگارغا مەنسۇپ. پەرۋەردىگار سىلەردىن نېمىنى كۈتىدۇ؟ سىلەرنىڭ بىر تەن، بىر جان بولۇش ئارقىلىق خۇدا يولىدا ماڭىدىغان پەرزەنتلەرنىڭ دۇنياغا كېلىشىنى كۈتىدۇ. شۇڭا قەلبىڭلارنى پاك تۇتۇپ، قەدىناس ئايالىڭلارغا سادىق بولۇڭلار.

[16] پەرۋەردىگار _ ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا: «مەن ئاجرىشىشقا نەپرەتلىنىمەن» دەيدۇ. «ئاجرىشىش خۇددى بىرسىگە قىلغان زوراۋانلىق بىلەن باراۋەردۇر. شۇڭا قەلبىڭلارنى پاك تۇتۇپ، ساداقەتسىزلىك قىلماڭلار!»

[17] سىلەر گەپ-سۆزۈڭلار بىلەن پەرۋەردىگارنى بىزار قىلدىڭلار. لېكىن سىلەر: «بىز ئۇنى قانداق بىزار قىپتۇق؟» دەپ سورايسىلەر. سىلەر: «پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامانلىق قىلغۇچىلارمۇ ياخشىدۇر، يەنە كېلىپ پەرۋەردىگار ئۇلاردىن خۇرسەندۇر»، «قېنى ئادىل خۇدا؟» دەپ بىلجىرلاپ ئۇنى بىزار قىلدىڭلار.

مالاكى — Chapters